UyghurMain Dictionary
قا
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاچا، ئىدىش.
بۇ سۆز سۇيۇق نەرسىلەرنى قۇيىدىغان قاچىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. « قا قاچا _ قاچا - قۇچا» شەكلىدە جۈپ سۆز قىلىپمۇ قوللىنىلىدۇ.
3 - 292
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئورۇننى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچە. (ئاپتورنىڭ «قا _ قا» نى ئورۇننى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچە ئورۇندا كۆرسىتىشى، بۇ قوشۇمچىنىڭ يونۇلۇش مەنىسىدىن باشقا ئورۇن، ۋاقىت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەنىلەردە كېلىشىنى ۋە بۇ مەنىلەرنىڭ ئەرەپچىدە ھەرخىل گىرامماتىكىلىق شەكىللەر بىلەن ئىپادە قىلىنىشىنى كۆزدە تۇتقانلىقى بولسا كېرەك). بۇ تەركىبىدە «ق _ » ھەرپى بولغان ئىسىملارغا، تولدۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئىسىملارغا ياكى يۇمشاق تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئىسىملارغا ئۇلىنىدۇ. باغقا كىر _ باغقا كىر. تاغقا يوقال _ تاغقا چىق.
3 - 192
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قا ~ غا.
يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى. ئاتامقا بېردىم يارماق _ ئاتامغا يارماق بەردىم. ئانامقا تاۋار بېردىم _ ئانامغا تاۋار (مال) بەردىم.
بەزىدە بۇ قوشۇمچە تەۋەلىكنى بىلدۈرىدىغان «ل _ L» (مەھمۇت قەشقەرى بۇ قوشۇمچىنى بۇ يەردىمۇ ئەرەپ تىلىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن چۈشەندۈرگەن). مەنىسىدە كېلىدۇ. ئاتامقا سۆز ئايدىم _ ئاتامغا سۆز ئېيتتىم.
ئارغۇچە.
3 - 293
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دوست، ئۇرۇق - تۇغقان