UyghurMain Dictionary
تۇلۇزا بەگلىكى
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئەسىردە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى لانگېدوك رايونىغا جايلاشقان بەگلىك بولۇپ، تۇلۇزا شەھىرىنى مەركەز قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. مىلادى Ⅸ ئەسرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا دۆلەت قۇرۇلغان. Ⅹ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ فېئودال تەبرىقىچى كۈچ بولۇپ قالغان. چېگرىسى ئىچىدىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى بىرقەدەر تەرەققى قىلغان، ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن تۇلۇزادىن باشقا يەنە ناربون، كاركاسسون ۋە نىم قاتارلىقلار بار. 12 - ئەسىردىن 13 - ئەسىرگىچە چېگرىسى ئىچىدە ئالبىچىلار ھەرىكىتى كەڭ ئەۋج ئالغان. 1229 - يىلى فرانسىيە كورۇلىنىڭ يېرىگە قوشۇۋېتىلگەن.