UyghurMain Dictionary
ئاسان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلىشقا ئانچە كۈچ كەتمەيدىغان، تەسنىڭ تەتۈرى.
بىلمەك تەس، قىلماق ئاسان. ئاشىقلىق ئاسان، جۇدالىق تەس. ئىشنى باشلاشنى بىلسەڭ،ئاياغلاشتۇرۇشۇڭ ئوڭاي. ئوڭاي ئىشەنگەن _ ئوڭاي ئۆلگەن. قولاي شارائىتنى قولدىن بەرمە. ئوڭ ئىش _ ئوڭاي ئىش.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قىلىشقا كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت كەتمەيدىغان.
تەس، قىيىن، مۈشكۈل
قىلىشقا كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت كېتىدىغان.
ئادەم بولۇپ تۇغۇلۇش ئاسان، ئادەم بولۇپ ياشاش تەس. موللا بولماق ئاسان، ئادەم بولماق تەس. ئىشنىڭ ئاسىنى يوق، قىلالىساڭ قىيىنى. جان بېقىش ئوڭاي، جانغا راھەت تېپىش قىيىن. ئوڭاي ئىشەنگەن ئۆڭاي ئۆلىدۇ. موماي؛ مۈشكۈل ئىشىمنى ئاسان قىل، دەپ تىلەك تىلەيدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ساغلام، سالامەت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئىشلىنىشى، ئورۇندىلىشى جەھەتتىن ئانچە قىيىن، مۇرەككەپ بولمىغان ھەم ئانچە كۆپ مېھنەت، كۈچ ۋە بىلىم تەلەپ قىلمايدىغان؛ بوش، يەڭگىل.
ئىشنىڭ ئاسىنى، يوق، قىلالىساڭ قىيىنى يوق (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ساغلام، سالامەت
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ساغلام، سالامەت. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.