UyghurMain Dictionary
تاش ئېتىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھەج قىلىش قائىدىلىرىدىن بىرى. ھىجرىيە 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئەرافات تېغىدىكى پائالىيەت تۈگىگەندىن كېيىن، مەككىگە قايتقۇچە مەككىگە 12 كىلومېتىر كېلىدىغان مۇزدەلىفە تېغىدا توختاپ ئىبادەت قىلىدۇ ھەمدە 49 تال تاش تېرىۋالىدۇ. 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى - قۇربان ھېيت سەھەردە ھەج قىلىدىغانلار مىنا تېغىنىڭ جىلغىسىغا جايلاشقان ئەقەبە تېشىنىڭ يېنىغا بېرىپ شەيتانغا سىمۋول قىلىنغان ئۈچ تاشقا يەتتە تال تاش ئاتىدۇ ھەمدە: <ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن ئېيتىمەنكى، شەيتاندىن ۋە ئۇنىڭ ھىيلە - نەيرەڭلىرىدىن نەپرەتلىنىمەن> دەپ زىكرى قىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام (بەزىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالام دەيدۇ) مۇشۇ يەردە تاش ئېتىپ شەيتاننى قوغلاپتىكەن. كىشىلەر ھېلىمۇ تاش ئېتىپ، شۇنى خاتىرىلەيدىكەن. 11 - ۋە 12 - كۈنلىرىمۇ بىر قېتىمدىن تاش ئېتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ (ھەربىر قېتىمدا 21 تالدىن تاش ئاتىدۇ).