UyghurMain Dictionary
ھەي
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ تۇرىدىغان جايى، قىشلاق، مەھەللە:
ئەرەب قەبىلىلىرىدىن بىرى:
1. تۇرۇپ ئاندا ھەر سارى مەنزۇر ئىدى،
كى ھەي سارىدىن كۆزىەە نۇر ئىدى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. كى ھەي ئەھلىنىڭ تىفلى بىھەد ئىدى،
ئاراسىدا بىر سەرۋ گۇلخەد ئىدى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر كىشىگە سۆزلىمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
ھاي بالىلار، جىم تۇرۇڭلار! ھەي ھەسەن، سەن نېمىشقا گەپ ئاڭلىمايسەن؟ ھۇي ھوشۇر، نېمە ئۇنداق قىلىسەن؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
ئەرەبچە
بىر كىمنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش، چاقىرىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
- دىلبەر، ھەي دىلبەر!- يىراقتىن بىرەيلەننىڭ چاقىرىغان ئاۋازى ئۇنىڭ قولىقىغا يېتىپ كەلدى.
پۇشايمان قىلىش ئەپسۇسلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
بەزىلەر سەن نېمىنى بىلىسەن دەيدۇ، مەن نېمىشقا بىلمەيدىكەنمەن، شۇنچە ۋاقىت بىللە ئىشلىگەن تۇرسام، ھەي، ئادەمنىڭ دوستىدىن تولا دۈشمىنى بولىدىكەن.
زوقلىنىش، رازى بولۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
- بوش كەلمىدىڭىز، ھەي يامان قىز، ھەي ... - دېدى شائىر، رەئىسنىڭ كۈلكىسىنىڭ پەسىيىشىگە ئۈلگۈرتۈپلا زۇلپىيەگە قاراپ.
ئېچىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
- ئۇكام كەنجىتاي، دادام، مېھرىبان ئانام بىچارىلەر، ھەي ... بۇ كۈنلەرنى كۆرەلمىدى، خەپ!
تەقەززالىق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەي... كېچىكىپ قالىدىغان بولدۇق - تە!
يىرگىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەي ... نېمىدېگەن سەت مەخلۇق بۇ!