UyghurMain Dictionary
داد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەرز، پەرياد:
ئىنساپ، ئادالەت:
ياردەم:
1. سەھەرلەر ئويغىنىپ فەرياد ئېتەرمەن،
خۇداغا زار يىغلاپ داد ئېتەرمەن.
خىرقەتى.
2. قىلسام ساڭا ھەر نەچە تەزەللۇم،
فەريادۇ فىغانكى، داد تاپمان.
بابىر.
3. لۇتقى دىل ئەفگار تىلەر ھەجر ئېلىدىن داد،
ئەھۋالىنى ئل بېگىمۇ خانىمە ئايتىڭ.
لۇتقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەرد _ ئەلەمدىن چىققان قاتتىق ئاۋاز، يىغى _ زار.
دادىمنى ئېيتقۇچە، دەرمانىم قالمىدى. كۆڭلى خۇش نەدىن بىلسۇن پەريادنى، دەرد تارتىپ كۆرمىگەن بىلمەيدۇ دەردنى. نالەم كۆككە يەتتى، خۇداغا يەتتى. كىتاب بىلەن ياشىغان ئادەم مەڭگۈ پىغان چەكمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئىم. جىسمانىي ۋە روھىي ئازاب دەستىدىن قاتتىق ۋارقىراپ قىلىنغان زار، نالە، پىغان.
جاھان ھۈنەرلىرىدىن ئالغان لەززىتىم شۇ، كالتەك يەپ ئۆگەنگەن ھۈنىرىمدىن دەيمەن <داد>.
ئىم. قورقۇپ ياكى خەۋپكە يولۇقۇپ ياردەمگە چاقىرىپ توۋلىغان قاتتىق ئاۋاز.
بۇ قارىغۇلار ۋارقىرىشىپ: <ۋاي داد، ئوغرىنىڭ دەستىدىن داد> دېيىشىپتۇ.
ئى. دەرد - ئەلەم دەستىدىن قىلىنغان شىكايەت، ئەرز.
ئادىل شاھ دىيارى بەكرىدە مەلىكىسى ۋە ئىككى پەرزەنتى بىلەن داد سوراپ ئالەمدىن ئۆتتى.
ئىم. بىر ئىشنى مەلۇم قىلىش يۈزىسىدىن ئىجازەت سوراش سۆزى.
- داد، پادىشاھىئالەم، - دەپتۇ ئوڭ قول ۋەزىر، - بىچارە تۈلكە چارباغنىڭ ئارقىسىدىكى ئېرىقتا ياتىدۇ.