UyghurMain Dictionary
رەئىس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باش؛ باشلىق، سەردار؛ بىر دۆلەتكە ياكى بىرەر جەمئىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغۇچى:
ئەكابىر رەئىسلەر چىقىپ سەيرىگە،
ئويۇن تۈزدى باقماي شەرۇ خەيرىگە.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باش، تۈپ:رەئسەن بى رەئىس - باشمۇ - باش، تەڭ، رەئسۇلمال - باش مال، سەرمايە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىر نەچچە كىشىنىڭ ئارىسىدىكى باش بولغۇچى كىشى: رەئىسۇلمەجلىس - يىغىن باشلىقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى.
«ئاخۇنۇم» ئومۇمىي نام.
«قازى» يۇقىرى دەرىجىلىك سودىيە. «قازى قۇززات» مۇ دېيىلىدۇ.
«كالان» ھۆكۈم چىقارغۇچى، «قازى كالان» مۇ دېيىلىدۇ.
«مۇپتى» ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇچى.
قازى بىلەن كېتەمسەن، مۇپتى بىلەن قالامسەن. دەۋاگەر سۇس بولسا، قازى مۇتتەھەم بولار. كالان ئاخۇنۇم كانىيىنى ياغلايدىغانغا يان باسىدۇ. مۇپتىنىڭ مۇددىئاسىنى بىسمىللاسىدىن بىلگىلى بولىدۇ. مۇپتى پەتىۋا بەردى، قازى ھۆكۈم قىلىدى، ئەمدى گەپ رەئىستە قالدى. ئاران باققان كالامنى سويۇپ يېگەن ئاخۇنۇم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت، رايون، ئىدارە، پارتىيە، تەشكىلات، يىغىن ۋە ئائىلىنى باشقۇرغۇچى شەخس.
«رەئىس» ۋەزىپە نامى. «رەھبەر» «باشلىق» لار مەۋھۇم.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى؛ پارتىيە رەئىسى؛ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى. ئىدارە رەھبىرى؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر. ئىدارە باشلىقى؛ ئائىلە باشلىقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە ئىدارە قىلىنىدىغان بەزى مەملىكەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كىتو، 14 - سېنتەبر تېلېگىراممىسى. ئېكۋادور زۇڭتۇڭى بۇرخا بۈگۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئېكۋادورغا ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن قۇرۇلۇشلار ئېكۋادورنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق. دۆلەت رەئىسى ياڭ شياڭكۈن چاۋشىيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى كىم ئېرسىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بىر رىۋايەتتە مەديەن (ھازىرقى مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلى) يېنىدىكى قۇدۇقنىڭ ئىسىمى دېيىلىدۇ، يەنە بىر رىۋايەتتە يامەمە ( ھازىرقى ھىجازنىڭ شەرقىي قىسمى) دىكى شەھەرنىڭ نامى دېيىلىدۇ، ئۇچىنچى بىر رىۋايەتتە ھەزرە مەۋت (ھازىرقى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى) دېيىلىدۇ. «قۇرئان كەرىم » دە رەئىسلەر دېگەندە مۇشۇ رايوندىكى ئاھالە كۆزدە تۇتۇلغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگونىڭ ئىسلام سۈلۈكىدە قوللىنىلىدىغان دىنىي ۋەزىپە نامى. جەھرىيە سۈلۈكىنىڭ ئىمامى دىن يولغا قويۇلغان جايلارنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئادەملەر شۇنداق دېيىلىدۇ. ئۇلارنى ئىمام ئەۋەتىدۇ ياكى ئالماشتۇرىدۇ. ئۇلار تۇرغان مەسچىت تەۋەسى كۆپ ھاللاردا دىن يولغا قويۇلغان رايونلارنىڭ دىنىي مەركىزىى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بەزى دۆلەت، دۆلەت ئورگانلىرى، پارتىيە - گۇرۇھ ياكى بەزى ئىدارە، تەشكىلاتلار رەھبىرىنىڭ ۋەزىپە نامى ۋە شۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كىشى.
دۆلەت رەئىسى. ئۆلكە رەئىسى.
مەجلىسنى باشقۇرغۇچى شەخس، يىغىن رىياسەتچىسى.
مەجلىس رەئىس. رەئىس سەھنىسى.
كونا. دىنىي مۇراسىم ۋە ئۆرپ - ئادەتلەرنىڭ بېجىرىلىشىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى كىشى ۋە شۇنىڭدەك جىڭ تېشى، تارازا قاتارلىقلارنىڭ توغرىلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان مەنسەپدار كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
باش، باشلىق