UyghurMain Dictionary
ئۇزۇنلۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەرسە ۋە ۋاقىتنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئىككى نۇقتىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقى، ئۇزۇن - قىسقىلىق دەرىجىسى؛ بويى، ئارلىق.
دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى. چاچنىڭ ئۇزۇنلۇقى. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى.
<جۇغ> يەر شارى يۈزىدىكى غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنىڭ گرادۇس سانى. باشلانغۇچ مېرىدىئان℃ 0 قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى شەرقىي ئۇزۇنلۇق، غەرب تەرىپى غەربىي ئۇزۇنلۇق دېيىلىدۇ. شەرقىي ئۇزۇنلۇق بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇقنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا° 180 بولىدۇ. مەلۇم ئورۇندىن ئۆتكەن مېرىدىئان سىزىقى بىلەن دەسلەپكى مېرىدىئان سىزىقى ئارىسىدىكى گرادۇس شۇ نۇقتىنىڭ ئۇزۇنلۇق گرادۇسى بولىدۇ.