UyghurMain Dictionary
لا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياق، يوق ئەمەس. ئىنكارنى ئىپادىلىگۈچى ئالدى قوشۇمچە:
بۇسە سۇئالىن ئەتسەم خامۇش ئولۇركى گويا،
زەئىمدە دۇر نەئەم شۇم ئاندغى لا مۇبارەك.
تەجەللى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆزلەرگە قوشۇلۇپ، <ئەمەس، بولماس، يوق، تۈگۈل> مەنىلىرىدە كېلىدۇ ۋە ئىنكار سۆزلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ: لا ئىلاج - ئىلاجىسىز؛ لاقائىدە - پايدىسىز.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
غۇ، مۇ، دە ئۇلانمىلىرى ئورنىدا كېلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: ناۋايىغە گەر تەۋبە يەخشى ئىدى. يەنە تەركىنى ئول يەمان قىلدى لا. (ناۋائى).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوغۇزلار ئىشنىڭ ئېنىق بېجىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، پېئىللارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ كېلىدىغان تەكىت ياردەمچىسى. ئول باردىلا _ ئۇ ھەقىقەتەن باردى. ئول كەلدىلا _ ئۇ ھەقىقەتەن كەلدى. بۇ سۆز ئىشنىڭ بېجىرىلگەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىدىن ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتقان ئاڭلىغۇچىغا قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 294