UyghurMain Dictionary
ئاق قان ھۈجەيرىسى
ھۈجەيرە بىلىملىرى
ئىنسانلارنىڭ قان ھۈجەيرىسى قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە قان پلاستىنكىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. ئاق قان ھۈجەيرىلىرى جەڭگىۋار »بىرلەشمە قوشۇن«غا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ نېيترالخۇمار دانىلىك ھۈجەيرە، كىسلاتاخۇمار دانىلىك ھۈجەيرە، ئىشقارخۇمار دانىلىك ھۈجەيرە، لىمفا ھۈجەيرىسى ۋە بىر يادرولۇق ھۈجەيرىدىن ئىبارەت بەش »ئارمىيە تۈرى«نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (رەسىمدىكىدەك). ئۇلارنىڭ ئاق قان ھۈجەيرىنىڭ ئومۇمىي سانىدا ئىگىلەيدىغان ئۈلۈشى ئوخشىمايدۇ، يەنى نېيترالخۇمار دانىلىك ھۈجەيرە %50 ~ 70 نى، لىمفا ھۈجەيرىسى %20 − 30 نى، بىر يادرولۇق ھۈجەيرە %3 ~ 8 نى، كىسلاتاخۇمار دانىلىك ھۈجەيرە %2 − 3 نى، ئىشقارخۇمار دانىلىك ھۈجەيرە %1 تىن تۆۋەننى ئىگىلەيدۇ.
نېيترالخۇمار دانىلىك ھۈجەيرىلەر باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. باكتېرىيىلەر ئادەم بەدىنىگە كىرىپ بەدەننىڭ مەلۇم ئورنىدا ياللۇغلىنىش پەيدا قىلغاندا، نېيترالخۇمار دانىلىك ھۈجەيرىلەر دەرھال ياللۇغلانغان ئورۇنغا يۈرۈش قىلىپ، بىرىنچى سەپتە جەڭ قىلىپ، ئاۋۋال باكتېرىيىنى ھۈجەيرە پەردىسىگە سۈمۈرۈپ يېپىشتۇرۇۋالىدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىن باكتېرىيە يېپىشتۇرۇلغان جايدىكى ھۈجەيرە پەردىسىنى ئىچىگە ئويمانلاشتۇرۇپ، باكتېرىيىنى دانىلىك ھۈجەيرىلەر ئىچىگە ئېلىپ كىرىدۇ - دە، باكتېرىيەنى ئورىۋالىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدار مېدىتسىنادا يۇتۇش دېيىلىدۇ. ھۈجەيرە ئىچىدىكى نېيترالخۇمار دانچىلار باكتېرىيىلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان »خىمىيىۋى قورال« بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپ خىل ئېنزىم بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى باكتېرىيە ئېرىتكۈچى ئېنزىملارلا يۇتۇۋېلىنغان باكتېرىيىنى ناھايىتى تېزلا پارچىلىۋېتىدۇ. بىر يادرولۇق ھۈجەيرىنىڭمۇ كېسەللىك باكتېرىيىسىنى يۇتۇش رولى بولىدۇ. بەزىلەر نېيترالخۇمار دانىلىك ھۈجەيرىلەرنى »پىيادە ئەسكەرلەر«گە، بىر يادرولۇق ھۈجەيرىلەرنى »برونۋېك قىسم«غا ئوخشاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ دۈشمەننى يوقىتىش رولى تېخىمۇ كۈچلۈك. مۇداپىئە ئىقتىدارى بويىچە ئېيتقاندا، لىمفا ھۈجەيرىلىرى رازۋېدكا ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل، شۇنداقلا زامانىۋىلاشقان قورال ياسىيالايدىغان »ئالاھىدە قوشۇن« بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئىچىدىكى ئىممۇنىتېت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى ئۆستۈرىدۇ. جۈملىدىن، B لىمفا ھۈجەيرىلىرى ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىن ياساپ، كېسەللىك باكتېرىيىلىرىگە ئالاھىدە تاقابىل تۇرىدۇ. T لىمفا ھۈجەيرىلىرى بولسا لىمفوكىن (لىمفا فاكتورى) ياساپ، ۋىرۇسلارغا ۋە ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىگە تاقابىل تۇرىدۇ. بۇ ئىككى خىل لىمفانى زامانىۋىلاشقان قورال دېيىشكە بولىدۇ. ئەيدىز كېسەللىكىدە T لىمفا ھۈجەيرىلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، قارشىلىق كۈچى نۆلگە چۈشۈپ قالىدىغان بولغاچقا، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا، لىمفا ھۈجەيرىلىرى بەدەندىكى نورمال ھۈجەيرىلەر بىلەن بەدەن سىرتىدىن كەلگەن غەيرىي ماددىلارنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان، شۇنىڭدەك غەيرىي ماددىلارنى يەكلىيەلەيدىغان بولغاچقا «ساقچى قوشۇنى»لىق رولىنىمۇ ئوينايدۇ. كىسلاتاخۇمار دانىلىك ھۈجەيرىلەر بىلەن ئىشقارخۇمار دانىلىك ھۈجەيرىلەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش رولى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ يات تەن ئاقسىللىرىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
نېيترالخۇمار دانىلىك ھۈجەيرىلەر كېسەللىك باكتېرىيىلىرى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئۆلگەن ئاق قان ھۈجەيرىلەر بىلەن باكتېرىيىلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى يىرىڭگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قان ھاسىل قىلىش سىستېمىسىنى غىدىقلاپ قان ئىشلەشكە دەۋەت قىلىدۇ ۋە تېخىمۇ كۆپ ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى جەڭگە سەپەرۋەر قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياللۇغلىنىش كۆرۈلگەندە، قاننى تەكشۈرتسە، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى بايقىلىدۇ.