—Reference
كاكائو
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كاكائومۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان بىر خىل ئىچىملىك بولۇپ، داڭلىقلىق جەھەتتە قەھۋە بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ستېركول دەرىخى ئائىلىسىگە تەۋە دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى12 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. دەرەخ قوۋزىقى قېلىنراق، رەڭگى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، يۇمران شاخلىرىدا يۇمشاق قىسقا تۈكچىلىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئېللىپس شەكىلدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى20 −30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئاساسىي غولى كۆپ شاخلىنىدىغان بولۇپ، گۈللىرى ئاساسىي غول ياكى ئاساسىي شاختا توپلىشىپ ئۆسىدۇ. قىزىل ياكى ئاچ سېرىق رەڭلەردە ئېچىلىدىغان كىچىك گۈللىرى5 .0 كىلوگرام كېلىدىغان چوڭ تىپتىكى مېۋىلەرنى ھاسىل قىلىدىغان بولغاچقا، بۇنى ھەقىقەتەنمۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىر مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ. كاكائو دەرىخى يىل بويى چېچەكلەپ تۇرىدىغان بولغاچقا، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مېۋىلەر ساڭگىلاپ تۇرىدۇ.
كاكائونىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئامازون دەرياسى ۋادىسىدىكى تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمانلىقىدۇر.16 - ئەسىردىن ئىلگىرى كاكائو ئۇرۇقى ئىنتايىن ئەتىۋارلىق بولغاچقا، پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىپ، «كاكائوختول» دەپ ئاتىلاتتى. برازىلىيە ۋە مېكسىكا خەلقى كاكائو دەرىخىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ياۋا كاكائو دەرىخىدىن يىغىپ كەلگەن ئۇرۇق مېغىزىنى يانجىپ ئۇنىڭدىن «چوكتول» (قىرتاق سۇ دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئىچىملىك ياسىغان.16 - ئەسىردىن كېيىن ياۋروپالىقلار ئامېرىكا قىتىئەسىگە كەلگەندىن كېيىنلا كاكائونىڭ بىر خىل قىممەتلىك ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈك ئىكەنلىكىنى بىلگەن. كېيىن، ئىسپانىيىدە تۇنجى شاكىلات ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇلغان.18 - ئەسىرگە كەلگەندە شۋېتسىيىلىك تەبىئەتشۇناس لىننې تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭغا «كاكائو دەرىخى» دەپ نام بەرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ «ئەۋلىيا ئىچىملىكى» دەپ تەرىپلەنگەن. ھازىر ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىنىڭ ھەممىسىدە كاكائو ئۆستۈرۈلمەكتە.
كاكائو ئۇرۇقى مېغىزىنىڭ تەركىبىدە %50 ماي، %20 ئاقسىل، %10 كراخمال بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز مىقداردا قەنت ۋە روھلاندۇرغۇچى ماددا − تېئوبرومىن بولىدۇ. كاكائو ئۇرۇقىنى ئېچىتىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن %30 ئەتراپىدا كاكائو مېيى ئاجرىتىپ ئالغىلى بولىدۇ. قالغان قالدۇق قىسىملىرىنى پىششىقلاپ كاكائو تالقىنىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئىچىملىك ۋە ھەر خىل شاكىلاتلىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاشقا بولىدۇ. كاكائونىڭ تەمى ئېسىل، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ ئادەمنى روھلاندۇرىدىغان، شۇنداقلا ئۇ بىر خىل ئېنېرگىيە تولۇقلىغۇچى ماددا ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن دۆلەتلەر كاكائو دەرىخىنى «ئاجايىپ ئاشلىق دەرىخى» دەپ تەرىپلىشىدۇ.