Lughet
DictionaryUyghurسۇرېئۇ
UyghurChineseMain Dictionary

سۇرېئۇ

دۇنيا تارىخى 梭洛 suō luò (1817 - 1852) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. ماسساچۇسېت شتاتىدا تۇغۇلغان. 1837 - يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ياغاچچى، ئۆلچىگۈچى بولغان. ئامېرىكىنىڭ مىكسىكىغا قىلغان تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، قوللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتىنى قوللاپ، نۇرغۇن سىياسىي ئوبزور يازغان. قوزغىلاڭدا مەغلۇپ بولغان جۇن بروۋن (1800 - 1859)نى ئاقلاش يۈزىسىدىن نوتۇق سۆزلىگەن. 1845 - يىلىىدىن تارتىپ ۋالىتېن كۆلى بويىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق پاناھلانغان. ئەزەلىلىكنى تەشەببۇس قىلغان، ئېمېرسون، خوسانلار بىلەن <كونكودچىلار>نى شەكىللەندۈرگەن. ئەسەرلىرى گويا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنىڭ يېزىلىشىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا كۈچلۈك پورىتان ئەخلاق تۇيغۇسى بولغان. پىكىر مۇستەقىللىكىگە ۋە باتۇرلۇق روھىغا ھۈرمەت قىلغان، شۇنداقلا ئۇنى تىرىشىپ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن. ئۇ مېكسىكا ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغانلىقتىن <مەدەنىيەت قارشىلىقى>نى يازغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن <ۋالىتېندىكى ياكى ئورمانلىقتىكى تۇرمۇش>، <مېيىن ئورمانلىقى>، <كانادادىكى ئامېرىكىلىقلار> قاتارلىقلار بار، 20 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى بار.
Rate this entry

Same word in other sources

سۇرېئۇUyghurMain Dictionary

Related words

سۇرUyghurChineseسۇرUyghurChineseسۇرېتكاUyghurChineseسۇرېتتاUyghurChineseسالرېئۇUyghurChineseسۇرېنىنUyghurChinese
← Search