UyghurMain Dictionary
ساياق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئىگىسىز، ماكانسىز، يالغۇز، سەرگەردان؛ بىكار تەلەپ، يولدىن چىققان. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ساياق يۈرگەن تاياق يەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆيلەنمىگەن ياكى خوتۇنىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالغان ئەر.
بويتاقنىڭ ئەقلى ئىككى كۆزىدە. پارىژ شەھەىردىكى 3 مىليون ئاھالىنىڭ 1 مىليون300 ،مىڭى بويتاق - تول ئىكەن. گۆش داڭقانغا تۇشلۇق، قىزىم سالتاڭغا. ساياق يۈرگەن تاياق يەر. ئەلگەكتە سۇ تۇرماس، ساياقتا پۇل. يالغۇز باش يېنىدىكى يېقىندىن يىراق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماكانسىز، يالغۇز تېنەپ يۈرىدىغان.
ساياق يۈرگەن تاياق يەر. سالپا - ساياق يۈرگەن ئاخىر يەرگە قارايدۇ. سالتاڭ سايدا قالىدۇ.
شىۋىلەر
سەرگەردان، ئىگىسىز، مانسىز، يالغۇز، تەنھا، توپقا قوشۇلمىغان؛ ئىشىكمۇ _ ئىشىك دوقۇرۇپ يۈرىدىغان. مەسىلەن: ساياق ئىت _ ئىگىسىز ئىت؛ ساياق كالا _ توپقا قوشۇلمىغان كالا. ساياق يۈرگەن تاياق يەر ( ماقال ).
شىۋىلەر
ئايىقى يېنىك، چاققان؛ بىباش. مەسىلەن: ساياق بالا _ چاققان بالا؛ ساياقتىق قىلماڭ يارىم، تۇشاق سالاي پۇتۇڭغا ( لوپنۇر قوشاقلىرىدىن ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھەر يەردە ئۆز بېشىمچە يۈرىدىغان، ئىگە - چاقىسىز، سەرگەردان.
ساياق بالا. ساياق يىگىت.
ساياق يۈرگەن تاياق يەر (ماقال).
توپقا قوشۇلماي يۈرىدىغان، بىباش.
ساياق كالا.