UyghurMain Dictionary
ھاتەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سېخىي، سېخيلىق بىلەن نام چىقارغان كىشى ھاتەم:
بىرىنى ئەيلەدى رۇستەم، بىرىنى نۇشرۋان،
بىرىنى ئەيلەدى ھاتەم، بىرىنى لۇقمان چەرخ.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەسلىدە بۇ سېخىلىق، مەردلىك، قولى ئۇچۇقلۇق بىلەن داڭ چىقارغان بىر كىشىنىڭ ئېتى بولۇپ، كېيىن بۇ ئات سېخى، سېخىلىق، مەردلىك، مەرد، سېخى ئادەم دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزگە ئايلىنىپ قالغان: ھاتەملىك - سېخىلىق؛ ھاتەمى - سېخى، مەرد؛ ھاتەم بەخشى - سېخىلىق؛ بەتخەشلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
رىۋايەتلەردە سېخىيلىق، مەردلىك، قولى ئوچۇقلۇق بىلەن داڭ چىقارغان ئەپسانىۋى شەخس.
بۇ چۆچەك داستاندۇر، ئەپسانە ئەمەس، ئارماندا ئۇنى بىر ئىشتمىگەن ئادەم. بۇ چۆچەك گۈلباغدۇر، ۋەيرانە ئەمەس دەرماندا، سەيلىگە كەلمىگەن ھاتەم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھاتەمجان
ھاتەمەتاينىڭ ئىسمى بولۇپ، سېخىيلىقنىڭ سىمۋۇلى قىلىنىدۇ، مەنىسى: ئۈستىگە يۈكلىگۈچى، تاپشۇرغۇچى