UyghurMain Dictionary
ئولتۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۆرە تۇرماي يەر، ئورۇندۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر جاي ياكى نەرسىگە ساغرىسىنى چاپلاپ جايلاشماق، ئورۇنلاشماق.
ئۇلار ئېگىز ھەم بۈك - باراقسان بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ.
كۆچمە. ھېچ ئىش قىلماي ۋاقىتنى بوش ئۆتكۈزمەك، بىكار تۇرماق.
قاسىم ئۆيگە كىرگەندە خوتۇنى ئىشتىن كېلىپ كىنوغا ئالدىرىغاچقا، تاماقمۇ ئەتمەي ئولتۇرغانىدى.
كۆچمە. بىرەر جايغا بېرىپ ياكى يىغىلىپ مۇڭدىشىدىغان، پاراڭلىشىدىغان، ساز چېلىپ، زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىشنى قىلماق، شۇنداق پائالىيەتكە قاتناشماق.
يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممەيلەن يىغىلىپ تۇرسۇننىڭ ئۆيىدە ئولتۇردۇق.
كۆچمە. بىرەر ئورۇننى ماكان تۇتۇپ ئورۇنلاشماق، جايلاشماق، ھايات كەچۈرمەك، ياشىماق.
- سىلى قەيەردە ئولتۇرىلا؟ - دەپ سورىدى ئالىم.
تۈرلۈك قاتناش قوراللىرىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشماق، چىقماق.
بىز پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا باردۇق.
تاغ ياكى ئېگىزلىكنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كۆرۈنمەي قالماق، پاتماق (ئاي، كۈن قاتارلىقلار ھەققىدە).
كۈن ئولتۇردى.
كۆچمە (ھوقۇق - ئەمەل ياكى تەخت قاتارلىقلارغا) چىقماق، بەلگىلەنمەك، تەيىنلەنمەك.
ئۇ چوقۇم سوت باشلىقلىقىدىنمۇ يۇقىرىراق مەنسەپكە ئولتۇرۇشى كېرەك ئىدى، ئۇنىڭغا ئۇۋال بوپتۇ.
ئومۇمەن ئىزىدا جىمراق تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بىرەر ئىش - ھەرىكەتكە تۇتۇش قىلماق، شۇنداق پائالىيەتنى باشلىماق.
ئۇلار تاغدىن چۈشتى، ھەممىمىز بىرلىكتە تاماققا ئولتۇردۇق.
كۆچمە. قونماق.
بىر جۈپ تۇمۇچۇق كېلىپ بۇلۇڭدىكى ئانارنىڭ شېخىغا ئولتۇردى.
كۈتمەك، ساقلىماق؛ ياتلىق بولماي تۇرماق (ئاياللار ھەققىدە).
ئەقىدە ئۈچۈن ئون تۆت يىل ئولتۇرۇش قىز بالا ئۈچۈن ئوڭايمۇ؟
تۇس ياردەمچىسى رولىدا پېئىلىنىڭ چېتىلما رەۋىشداش شەكلى بىلەن بىرىكىپ، شۇ پېئىل ئىپادىلىگەن مەنىنى تەكىتلەش، تېخىمۇ كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇ بالا ھەدەپ ئويۇنچۇقىنى ئويناپ ئولتۇراتتى.