UyghurMain Dictionary
قىسقارماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇزۇنلۇقى، بويى، ئارىلىقى كېمىيىپ كالتە، قىسقا ھالەتكە كەلمەك.
مەن سېنىڭ قېشىڭغا كېتىۋاتقانىدىم، خۇداغا شۈكۈر، يولۇم قىسقاردى.
داۋام قىلىشى ۋاقتى كېمەيمەك، ئازايماق.
بىزنىڭ سەپەر ۋاقتىمىز تۈن قىسقارغان تومۇز كۈنلىرىگە توغرا كەلدى.
دائىرىسى، ھەجمى تارايماق، ئىخچاملاشماق.
بۇ نۆۋەتتىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا بىر قىسىم ئورگانلار قىسقىرايدۇ ياكى بىرلەشتۈرۈلىدۇ
<مات> بىرەر سانغا كەسىرسىز بۆلۈنمەك؛ شۇنداق سانغا بۆلۈنگەندىن كېيىن كىچىك سانلار بىلەن ئىپادىلەنمەك.
بۇ كەسىرنىڭ سۈرەت ۋە مەخرىجى بەشكە قىسقىرايدۇ.