UyghurMain Dictionary
قەدىمكى ئۇيغۇرلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
قەدىمكى ئۇيغۇرلار خەنزۇ تارىخنامىلىرىدا <ۋۇجيې>، <ۋېيخې>، <ۋۇخۇ>، <خۇيگۇ>، <خۇيخې> دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان.
قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئېلىمىزنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىدا ياشاپ كەلگەن قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى، ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجدادى، جۈملىدىن خانلىق نامى. قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئەسلىدە شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرى (386 - 534) دىكى تۆلۆس (تېلې) قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن تۇغلا، ئۇرقۇن ۋە سېلىنگا دەريالىرى ۋادىسىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن، سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە (581 - 618) تۇغلا دەرياسىنىڭ شىمالىغىچە كېڭەيگەن. 605 - 618 - يىللىرى غەربىي تۈرك ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زۇلىمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، يېقىن ئەتراپىدىكى بارغۇت، خون، بۇكە، ئىزگىل، تۇڭرا، بايئېرقۇ قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ <ئۇيغۇر (ۋېيخې) ئىتتىپاق> دەپ ئاتىلىدىغان ئىتتىپاق تۈزگەن، بۇ ئىتتىپاق كېيىنكى ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقى (646 - 840) نىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان، ئۇرقۇن خانلىقى ئەڭ روناق تاپقان مەزگىلدە ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە چوڭ ھىنگان تېغىدىن تارتىپ، غەربتە ئالتاي تاغلىرىغىچە، جەنۇب تەرىپى خېتاۋغىچە، شىمال تەرىپى بالقاش كۆلىگىچە يېتىپ بارغان، خانلىق دائىرسىدە توماس، خاكاس (قىرغىز)، قارلۇق، ساتا، تاڭغۇت، شىرۇي، قىتان قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قەبىلە - قوۋملار ياشىغان، خانلىقتا 1 - ئەۋلاد قاغان ئىلتەبىر تومېدتىن تارتىپ ئاخىرقى قاغانى قوشۇۋۇساتقىچە جەمئىي 24 ئەۋلاد قاغان تەخمىنەن ئىككى ئەسىردەك ھۆكۈم سۈرگەن، بۇ خانلىق 840 - يىلى ئىچكى زىددىيەت ھەمدە تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن كەلگەن خاكاسلار (قىرغىزلار) تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئاھالىلىرى ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچكەن، بىر قىسمى خېشى كارىدورىغا، كۆپ قىسمى تەڭرى تاغلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىغا قاراپ كۆچكەن، ئۇلار كېيىن بىرىپ خېشى ئۇيغۇرلىرى (گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى)، قۇچۇ ئۇيغۇرلىرى (ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى) ۋە قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرى (ياكى كۆكئارتنىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلار) غا بۆلۈنگەن ھەم شۇ جايلاردا يەرلىك خانلىق تىكلىگەن.
قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىختا سوغىدى يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى (تۈرك - ئۇرقۇن - ئابىدە يېزىقى)، براھمى يېزىقى، سۈرىيە يېزىقى، خەنزۇ يېزىقى قاتارلىق كۆپ خىل يېزىقنى قوللانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى Ⅷ - ⅩⅤ ئەسىرگىچە قوللانغان.
قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، شامان دىنى، مانى دىنى، نېستورى دىنى، زوروئاستېر (زەردۇشت) دىنى، بۇددا دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە بۆرىنى ئۆزىگە تۇتېم قىلغان.
يازما يادىكارلىقلارغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ - ئادەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، كىيىم - كېچەك، ئولتۇراق جاي، يېمەك - ئىچمەك ۋە باشقا تۇرمۇش ئادەتلىرى قەدىمكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىدى. قەدىمكى ئۇيغۇرلار مېيتنى دەپنە قىلىشتا ئاساسەن يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان، دەپنە قىلغاندا مەرھۇمنىڭ قولىغا ئوقيا تۇتقۇزۇپ، بېلىگە قىلىچ ياكى خەنجەر، قولتىقىغا نەيزە قىستۇرۇپ قويۇشتەك ئادەتلىرى بار ئىدى. مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى كالا، قوي سويۇپ، مەرھۇمغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزەتتى. ئۇلاردا ئۆزلىرىنىڭ قايغۇ - ھەسىرىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ ھالدا چېكىسىنى پىچاق بىلەن تىلىپ قان چىقىرىپ، يىغا - زارە قىلىش ئادەتلىرى بار ئىدى.