UyghurMain Dictionary
تەسۋىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۈرەتلەش، بىرەر نەرسىنىڭ سۈرىتىنى سىزىش ياكى خىيالغا كەلتۈرۈش.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، تەسۋىر ئارقىلىق پېرسوناژ ۋەقەلىك باشقا شەيئىلەرنىڭ شەكىل - ھالىتى، ئالاھىدىلىكى كونكرېت سۈرەتلىنىدۇ. تەسۋىر پورترېت تەسۋىرى، روھىي ھالەت تەسۋىرى، شارائىت تەسۋىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوخشىتىش، سۈرەت، تەسۋىر، ئوبراز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسىنىڭ يازما، ئويما، قۇيما ياكى سىزما شەكلى؛ رەسىم، سۈرەت.
گرافىك تەسۋىر.
<ئەد> نەرسە، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ بەدىئىي ئىپادىسى.
مەنزىرە تەسۋىرى. روھىي ھالەت تەسۋىرى.