—Reference
ئارپا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئارپىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
يوپۇرمىقى كەڭ ھەم يىپسىمان بولىدۇ، دېنىنىڭ شاكىلىدا ئۇزۇن قىلتىرىقى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان دېنى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ۋە ئۇن تارتىپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
قورۇش، تۇتۇش، قان ۋە سەپرانىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، چىراينى پارقىرىتىش، قىزىتما
قايتۇرۇش، ئۇسسۇلۇقنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاقلانغان ئارپىنى سۇدا قاينىتىپ، سۈزۈپ، سوۋۇتۇپ ياكى ئىلمان ھالەتتە ئىچىپ بەرسە، قان ۋە سەپرانىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ، ئىسسىق
تەپ ۋە باشقا ئىسسىقتىن بولغان كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاقلانغان ئارپىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ، ئۆتكۈر ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ.
ئارپا قايناتمىسىغا چىلان، سەرپىستان، ئەنجۈر، پىرسىياۋشان قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، جۈدەتكۈچى قىزىتما ۋە سىل كېسەللىكىگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارپىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا كۆكنار قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كۆكرەك ئاغرىقى، قۇرۇق يۆتەل ۋە ئىسسىقتىن
بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
50 گرام ئارپىنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا زاراڭزا قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، بەلغەم بوشىتىپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.
ئارپا يارمىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سەپرادىن بولغان ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارپا سۈيى بىلەن گالنى چايقاپ بەرسە، گال ئىششىقىنى قايتۇرۇپ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
ئارپا ئۇنىدا خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، ئىششىق قايتۇرىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئارپا ئۇنىنى يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، سىل، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، قولتۇق ئاستى ئىششىقى، ئەمچەك ئاغرىقى،
قۇلاق ئارقىسى ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارپا ئۇنى ۋە خۇبباز ئۇرۇقىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، قۇلاق ئارقىسى ئىششىقى، سىل، كۆكرەك پەردە ياللۇغى،
قولتۇق ئاستى ئىششىقى ۋە ئەمچەك ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارپا ئۇنىنى زەمچە ۋە رەۋەن بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئارپىنى قاينىتىپ، سۈيىگە بېھى سۈيىدىن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان بوغۇم ئاغرىقىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارپا ئۇنىنى يۇمغاقسۈت سۈيى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، خانازىر ئىششىقى ۋە باشقا ھەرخىل ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئارپا ئۇنى، ئارپىبەدىيان، زىغىر ئۇرۇقى، زۇپتى رۇمى قاتارلىقلارنى كىچىك بالىنىڭ سۈيدۈكى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە،
كىچىك بوغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارپىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىگە سىركە قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قىچىشقاق ۋە مۇدۇرلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.