Chinese→UyghurMain Dictionary
佛鲁萨尔
دۇنيا تارىخى
فروئىسار
(تەخمىنەن 1337 - 1410 فرانسۇز سالنامىچى. ۋالېنسېننې، ھازىرقى فرانسىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا بولۇپ، ئەينى زاماندا نېدىرلاندىيىگە تەۋە ئىدى)دىكى بىر شەھەر پۇقراسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1360 - يىلى، ئۇ ئەنگلىيە خانىكىسى فىلىپا (1314 - 1369)نىڭ تەكلىپى بىلەن لوندونغا بارغان. 1365 - يىلى شوتلاندىيىدە زىيارەتتە بولغان. ئىككىنچى يىلى ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەىي مىلاندا ساياھەتتە بولغان. پات - پات كورۇل - شاھزادە، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ - چىقىپ يۈرۈپ، غەربىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ئەھۋالى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، مول ماتېرىيالغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ <فرانسيە، ئەنگلىيە، شوتلاندىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ يىلنامىسى> ناملىق ئەسىرى بار. بۇ ئەسەر 1325 - يىلدىن باشلىنىپ 1400 - يىلغىچە بولغان ۋەقەلەرنى، ئاساسلىقى ئەنگلىيە - فرانسىيەنىڭ يۈز يىللىق ئۇرۇشى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيىلىك پائالىيەتلىرىنى بايان قىلغان؛ بۇنىڭدىن باشقا 1357 - 1358 - يىللىرىدىكى پارىژ شەھەر ئاھالىسىنىڭ قوزغىلىڭى، 1358 - يىلدىكى فرانسىيىدىكى جاكۇرىې قوزغىلىڭى ۋە 1381 - يىلدىكى ئەنگلىيىدىكى ۋات تىلېر قوزغىلىڭى قاتارلىقلارمۇ تەپسىلىي خاتىرلەنگەن.