UyghurMain Dictionary
ئافېنا زاسېداتېللار يىغىنى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ئافېنا دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئالىي ئەدلىيە ئورگىنى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ - ئەسىردە، سولون ئىسلاھاتى مەزگىلىدە تەسىس قىلىنغان. پۇقرالار بۇ يەردە دەۋالىشالايدۇ ياكى يۇقىرىغا ئەرز شىكايەت قىلالايدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ - ئەسىرنىڭ ئاخرىدىكى كلېستېنېس دەۋرىدە ئۇ دىكاستېرسون دەپمۇ ئاتالغان. مىلادى Ⅴ - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا (ئېفئالتېس ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە) ئۇنىڭ ھوقۇقى كېڭەيتىلىپ، ئەسلىدە ئاقسۆڭەكلەر يىغىنىنىڭ بەزى ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى جەمئىي 6000 نەپەر (5000 نەپەر رەسمىي زاسېداتېل 1000 نەپەر زاپاس زاسېداتېل) بولۇپ، ھەر يىلى 30 ياشقا تولغان پۇقرالار ئىچىدىن چەك تارتىش ئارقىلىق سايلاپ چىقىلغان؛ 10 كومىتېت تەشكىل قىلىنىپ، نۆۋەت بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قلغان. كونسۇل ھەرقانداق دەۋا دىلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن زاسېداتېللارنىڭ تېرگاۋ قىلىشىدىن ئۆتكۈزگەن، زاسېداتېللارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىلغان دىلو ئۈستىدە يۇقىرىغا ئەرز قىلىش ھوقۇقى بولغان. زاسېداتېللار يىغىنى يەنە بەزى مۇھىم دۆلەت ئىشلىرى دېلوسى ۋە ۋەزىپىنى ئادا قىلماسلىق دىلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. ئارىستوتېل زاسېداتېللار يىغىنى ئافېنا ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ دېموكراتىك خاراكتېرىنى ئەڭ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، دەپ قارىغان.