UyghurMain Dictionary
شاد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خۇشال، خۇسەن:
قىلى پقۇللۇقنى سۇلتان تۇت، كۆڭلۈنى بارچەدىن كەم تۇت،
كۆزۈڭنى كېچە لازىم تۇت، ئۆزۈڭنى شاد - خۇررەم تۇت.
موللا نىياز.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
شاد، خۇشاللىق، سۆيۈنۈش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رازى ۋە مەمنۇنلىقتىن كۆڭۈل ئېچىلىش، كۆڭۈل كۆتۈرلۈش ھالىتى.
« قىلماق، بولماق » بىلەن پېئىللىشىدۇ.
بەختىڭنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم. خۇشال بولغاندا، كۆزگە پالاكەت كۆرۈنمەس. خۇشال _ خۇرام ياشا، بەختىڭگە يارىشا. ئۆزگىنى يېيىشتىن كىمكى بولسا شاد، ئۇنى بۆرە دېگىن، دېمە ئادەمزات. ئازغىنا ئىشىڭدىن بولما خۇرسەن، ئۇندىن چوڭنى كۆرۈرسەن. يامانلىق قىلىپ بولما شادىمان، جازاسىنى تارتىدۇ ئاخىر يامان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆڭلى ئېچىلغان، كەيپى جايىدا، غەم - قايغۇدىن خالى كەيپىيات.
خاپا، رەنج، مالال، مەيۈس، كۆڭلى يېرىم
كۆڭلى بۇزۇلغان، كەيپى بۇزۇلغان، غەم - قايغۇ باسقان كەيپىيات.
قاغىلار <قاق> ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ. خۇشال چاغدا ئازابنى ئۇنتۇمىغان كىشى - ئاقىل كىشى. خاپا قىلساڭ دوستۇڭنى، خۇش قىلارسەن دۈشمىنىڭنى. ئازغىنا ئىشىڭدىن بولسا خۇرسەن، ئۇنىڭدىن چوڭنى كۆرىسەن. ئۆزگىنى يېيىشتىن كىمكى بولسا شاد، ئۇنى بۆرە دېگىن، دېمىگىن ئادەمزات. شادىمان بولسا يۈرىكىمىز، تالسىمۇ مەيلى بىلىكىمىز. خۇشال - خۇرام ياشا، بەختىڭگە يارىشا. ئاقىلغا پەس ئادەم كۆرسەتسە جاپا، كۆپ ئەلەم چەكمىسۇن، بولمىسۇن خاپا. غەم تېغىنى دوست ئارتسا، ئاڭا رەنج يوق. مالال بولما، مالامەت تارتما. مەيۈس بولساڭ، بوزەك بولىسەن. ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم، تولۇق ئەمەس.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئەمەل نامى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
خۇشال، خۇرسەن، مەمنۇن.
تۇغقان ئانامدەك، كۆرىمەن سېنى، ئۆستۈرمەكتە شاد، تەربىيەڭ مېنى.
- بىزنى شاد قىلساڭ، خۇدا كۈلىدۇ، ئوغلۇم، - دېدى بوۋاي.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
جۈرئەت جاسارەت. ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى، تۈرك خانىدانىلىقى ۋە ئورقۇن ئۇيغۇر خانىدانلىقىدا قوللىنىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەل نامى.