—Reference
مىسىر
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
بىپايان دۆلەت
ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يېرىنىڭ% 94 ى ئافرىقا قىتئەسىگە، %6 ئاسىيادىكى سىناي يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى بىر مىليون 2000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مىسىرنىڭ %96 يېرىنى قۇملۇقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى لىۋىيە قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى ئېگىزرەك، شىمالى پەسرەك بولۇپ، ئېگىز قىسىملىرى دېڭىز يۈزىدىن 1000 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئەرەب قۇملۇقى پەلەمپەي ھالەتتە جايلاشقان قۇملۇقلاردىن ئىبارەت. بۇ قۇملۇقلار ئارىسىدا يەر ئاستى سۈيى مول بولغان سىۋا، باخالىيە، فورافرا، داخىرا، خاركائو قاتارلىق بوستانلىقلار بار. مىسىرنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق ئىسسىق بولىدۇ، ئۇنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاق بويلىرى يەر ئوتتۇرا ئىقلىمىغا كىرىدۇ. بىرىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃26 قا، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 50-200 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ھۆل - يېغىنى قىش پەسلىگە مەركەزلەشكەن، باشقا كەڭ ئىچكى رايونلار تروپىك قۇملۇق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ سوتكىلىق پەرقى چوڭ، قۇملۇقلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 دىن ئاشىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 30 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ھەر يىلى 4 - ئايدىن 5 - ئايغىچە سەھرايى كەبىر چۆلى تەرەپتىن ئىسسىق شامال سوقۇپ تۇرىدۇ. مىسىرنىڭ ئاھالىسى 50 مىليون 400 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ %87 نى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كوبوت، بىدۇئىن، نوبىيە قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئاھالىنىڭ% 90 تىدىن كۆپى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ئاھالىنىڭ% 99 ى نىل دەريا دېلتىسى بىلەن نىل دەريا ۋادىسىغا ئولتۇراقلاشقان. بۈۇ جايلاردا ھەر كۋادرات كىلومېتىر يەرگە 1000 دىن ئوشۇق ئادەم توغرا كېلىدۇ. مىسىز ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دۆلەت. مىلادىيە 4 - ئەسىردە فېئوداللىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر قۇرۇلغان، 640 - يىلى ئەرەبلەر مىسىرغا كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. 9 - ئەسىردە مىسىرلىقلارنى ئەرەبلەشتۈرۈش ئىشى ئاساسەن تاماملانغان. 1517 - يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان. 1882 - يىلى ئەنگلىيە بېسىۋالغان. 1914 - يىلدىن كېيىن ئەنگلىيە مىسىرنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان. 1922 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئەنگلىيە مىسىرنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ئېتىراپ قىلغان. 1953 - يىلى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1956 - يىلى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. مىسىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. ئۇ ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ% 60 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى ئافرىقا بويىچە خېلى ئالدىدا تۇرىدۇ. مىسىرنىڭ پولات، نېفىت سانائەت مەھسۇلاتلىرى، توقۇمىچىلىق ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئافرىقىدا جەنۇبىي ئافرىقىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائەتتە يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. 60 - يىللاردىن باشلاپ مېتاللۇرگىيە، خىمىيە سانائەت، ماشىنىسازلىق، ھەربىي قورال - ياراغ، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، نېفىت ئايرىش، ئېنېرگىيە، پولات - تۆمۈر قاتارلىق سانائەتلەرمۇ تېز تەرەققىي قىلدى. ئۇنىڭ ئاساسىي سانائەتلىرى قاھىرە، ئالېكساندىرىيە، ماخاراكوبرا، ئاسىۋان قاتارلىق ئورۇنلارغا مەركەزلەشكەن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 20 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتنىڭ 8/1 نى، نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى% 70 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر، شېكەر قومۇشى، خورما قاتارلىقلارنى ئۆستۈرىدۇ. مىسىر دۇنيادا ئاتاقلىق پاختا ئۆستۈرىدىغان دۆلەتنىڭ بىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇزۇن تالالىق پاختىسى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، دۇنيادىكى ئۇزۇن تالالىق پاختىنىڭ %50 تىن كۆپىنى ئىگىلەيدۇ، مىسىر پاختا ئېكسپورتىدا دۇنيادا 3 - ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. مىسىر ھۆكۈمىتى نېفىت، مۇھاجىرلار كىرىمى، سۇۋەيىش قانىلى كىرىمى، ساياھەتچىلىك كىرىمى قاتارلىق مالىيە كىرىم مەنبەلىرىگە تايىنىپ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرخىل سانائەت تارماقلىرىنى قۇرۇش بىلەن بىللە قۇرۇقلۇقلارغا سۇ باشلاپ نۇرغۇن مۇنبەت تېرىلغۇ ئېتىزلىقلىرىنى بەرپا قىلماقتا.
مىسىرنىڭ تولۇق نامى <ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا، ئاز بىر قىسىم زېمىنى ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىي بۇڭرجىكىگە جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كىلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، بۇ دۆلەتنىڭ قەدىمكى نامى Pta - ka - Ga دىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <پىتا ئىلاھىنىڭ تۇرالغۇسى> ياكى <زېمىن مۇئەككىلى> بولىدۇ. پىتا ئىلاھى مىسىرنىڭ قەدىمكى پايتەختى مېمفستىكى ئاساسلىق ئىلاھ بولۇپ، قەدىمكى مىسرلىقلار ئۇنى زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى ياكى ئىنسانىيەت ئاتىسى دەپ ئۇلۇغلىغان؛ ئىككىنچى، گرېكچە Aigyptos تىن پەيدا بولغان بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000 - يىللاردىن باشلاپلا گرېكلار بۇ نامنى ئىشلىتىشنى باشلىغان. بۇ نامنىڭ مەنبەسى توغرىلىق كۆپ خىل قاراش بار. بىرىنچى خىلى، گرېكلار Gapta - ka - نى خاتا ھالدا Aigyptos دەپ ئاتىغان. بۇنىڭ مەنىسى <تاز قارا ماكانى> بولۇپ، ( Ai نىڭ مەنىسى زېمىن، ماكان، gyptos نىڭ مەنىسى تازا تازاقارا)، تاز قارا بۈركۈت ئۇرۇقدىشىدىكى بىر خىل يىرتقۇش قۇش بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ مەشھۇر جانلىقنىڭ بىرىدۇر؛ ئۈچىنچى، كېرپوتلار ياكى كوپتوس ( Koptos) شەھىرىنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ شەھەر مىسىردىكى ئەڭ بۇرۇنقى پادىشاھلىقنىڭ مەركىزىي بولغان؛ تۆتىنچى، فىنىكىيە تىلى Kopthor تىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <ئارال> (چۈنكى بۇ دۆلەت نېل دەرياسى بىلەن ئورىلىپ تۇرغاچقا، شۇنىڭغا قارىتىلغان). كېيىن فىنىكىيىچە بۇ نام گرېتسىيىگە تارقالغاندا گرېكلار ئۇنىڭغا ئالدى قوشۇلغۇچى Ai (يۇرت تاز قارا دۆلەت) نى قوشۇپ، گرېكچە Aigptos نامى ھاسىل بولغان؛ بەشىنچى، ئەرەبلەر ئۇنى مىسىر(Misr) دەپ ئاتايدۇ، ئەرەبچىدە <مىسىر> سۆزى <بىپايان دۆلەت> مەنىسىگە ئىگە. مىلادى 640 - يىلى ئەرەبلەر ئەرەب يېرىم ئارلىدىن سىرتقا كېڭىيىپ مىسىرغا كىرگەن. ئەينى چاغدا مىسىر ئەرەب يېرىم ئارىلى بىلەن قوشنا بولغان چوڭ دۆلەت ئىدى. مۇسۇلمان قوشۇنلىرى يىراققا يۈرۈش قىلىپ، مىسىرنى ئەرەب ئىمپېرىيىسىگە تەۋە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئەرەبلەر ئۇنى <مىسىر دۆلىتى> دەپ ئاتىغان ۋە ھازىرغىچە شۇنداق ئىشلەتكەن. مىسىر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلتنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىدىن بورۇنقى 3200 - يىلى قۇللۇق تۈزۈمدىكى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت پەيدا بولغان، مىلادى تۆتىنچى ئەسىردە فېئوداللىق تۈزۈم شەكىللەنگەن. قەدىمكى مىسىرلىقلار ئۆز دۆلىتىنى كام تېر (قارا دۆلەت) ياكى باغ تېر (زەيتۇن دۆلىتى) دەپ ئاتىغان. يۇقىرى - تۆۋەن ئىككى دۆلەتكە بۆلۈنگەن دەۋرلەردە، يۇقىرى مىسىرنى <سېرمو (ئېرىق تورى) دۆلىتى>، تۆۋەنكى مىسىرنى <مىرخۇ (قەغەز) دۆلىتى> دەپ ئاتىغان. 1517 - يىلىدىن باشلاپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان. 1798 - يىلىدىن 1801 - يىلىغىچە فرانسىيە قوشۇنلىرى بېسىۋالغان. 1882 - يىلى ئەنگلىيە قوشۇنى مىسىرنى بېسىۋالغان، 1914 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ <ھامىلىقىدىكى دۆلەت>كە ئايلانغان. 1922 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى مۇستەقىل پادىشاھلىق بولغان. 1953 - يىلى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى پادىشاھلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، مىسىر جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1958 - يىلى 2 - ئايدا سۇرىيە بىلەن قوشۇلۇپ، <ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى> دەپ، قىسقىچە <ئەرەب بىرلەشمىسى> دەپ ئاتالغان، 1961 - يىلى 9 - ئايدا سۇرىيە بىرلەشمىدىن ئايرىلىپ چىققان. 1971 - يىلى 9 - ئايدا 11 - كۈنى <ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى> دەپ ئۆزگەرتىلگەن.
مىسىرنىڭ يەر مەيدانى 1.002 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 59 مىليون، كۆپچىلىكى ئەرەبلەر، بۇنىڭ %91ى ئىسلام دىنىغا، % 7.5ى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى قاھىرە، پۇل بىرلىكى مىسىر پوندى.
مىسىر تارىخى ئۇزۇن قەدىمكى مەدەنىي دۆلەت. ئۇنىڭ دۆلەت بايرىقىمۇ نۇرغۇن قېتىم ئۆزگىرىپ، يىللارنىڭ بوران چاپقۇنلىرى بىلەن خاتىرىلەنگەن. تارىختا مىسىر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارس، رىم ئىمپېرىيىسى ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان. 7 - ئەسىردە كۆپلەپ كۆچۈپ كىرىپ ئارقىدىنلا ئەرەب ئىمپېرىيسى قۇرۇلغان. 1517 يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسى مىسىرنى ئۆزىگە بىر مەمۇرىي ئۆلكە قىلىۋالغان ھەمدە ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇزنى بەلگە قىلغان ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن. 1914 - يىلى مىسىر يەنە ئەنگلىيىنىڭ < ھىمايە ئاستىدىكى دۆلەت > كە ئايلىنىپ قالغان. 1953 - يىلى خانلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. دۆلەت بايرىقى يېشىل بولۇپ، ئونىڭغا بىر ئاق ھىلال ئاي بىلەن ئۈچ ئاق يۇلتۇز سىزىلغان. 1958 - يىلى مىسىر سۈرىيە، لىۋىيە بىلەن بىرلىشىپ ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى قۇرغان، دۆلەت بايرىقى قىزىل، ئاق ۋە قارا ئۈچ خىل رەڭلىك بايراققا ئۆزگەرگەن. ئۈستىگە سۈرىيە بىلەن لىۋىيىنى بىلدۈرىدىغان ئىككى بەش بۈرجەكلىك يېشىل يۇلتۇز قوشۇلغان. 1972 - يىلى ئەرەب بىرلەشىمىسى تارقالغاندىن كېيىن مىسىر بەش بۇرجەكلىك يېشىل يۇلتۇزنىڭ ئورنىغا دۆلەت گېرنىنى كىرگۈزگەن. مىسىرنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئىشلەتكەن ئۈچ خىل ئاساسىي رەڭنى ئەتراپىدىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ ئىشلەتكەن. بۇنىڭدىن مىسىرنىڭ پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشتىكى رەھبەرلىك ئورنىنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇ.
مىسىرنىڭ دۆلەت گېربى 1972 - يىلى تۈزۈلگەن، ئۇنىڭدا تىك تۇرۇپ، غەربكە دىققەت نەزىرىنى سالغان بىر ئالتۇن رەڭلىك شۇڭقار ئاساىي كۆرۈنۈش بولغان، كۈندىن - كۈنگە بېيىۋاتقان مەدەنىيەت نامايان قىلغان؛ ئۇنىڭ كۆكسىگە قىزىل، ئاق ۋە قارا ئۈچ خىل رەڭدىكى تىك يوللۇق قالقانسىمان بەلگە سىزىلغان. شۇڭقار بىلەن قالقان مەھەممەدكە مۇناسىۋەتلىك كۇرسى قەبىلىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. شۇڭقارنىڭ ئاستىدىكى سېرىق رامكا ئىچىگە ئەرەبچە مىسىر < ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى > دېگەن خەت يېزىلغان.