Chinese→UyghurMain Dictionary
德国海军起义
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوزغىلىڭى
گېرمانىيە ماتروسىلىرىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى قوزغىلىڭى. رېخبىچ، گېبسىلار رەھبەرلىك قىلغان. 1917 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، گېرمانىيىدە ئىنقىلابىي ۋەزىيەت يۈكسەلگەن. 8 - ئاينىڭ باشلىرىدا، قولغا ئېلىنغان يولداشلىرىنى ئازاد قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋېليام پورتىدىكى ماتروسلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. <نائىب شاھ لىئوپولد> ناملىق ئاساسىي پاراخوتتىكى ماتروسلار قوماندانلىققا بويسۇنۇشنى رەت قىلىپ، پاراخوتتىن كوللېكتىپ ھالدا ئايرىلىپ قۇرۇقلۇققا چىققان ھەمدە ئەكسىيەتچى ئوفىتسىرلانى جازالىغان. بۇ ھەرىكەت باشقا فلوت ۋە پاراخوتلارغىچە تېز كېڭەيگەن. قوزغىلاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىلاشمىغانلىقتىن، رېخبىچ، كېبىس قاتارلىق ئون نەپەر ماتروسقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. تەخمىنەن 50 نەپەر ماتروسقا قاماق جازاسى بېرىلگەن ۋە ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان. لېنىن بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى <پۈتۈن دۇنيا ئىنقىلابىي ھارپىسىنىڭ بەلگىسى> دەپ ئاتىغان.