Chinese→UyghurMain Dictionary
破坏交通工具罪
ئەدلىيە
pò huài jiāo tōng gōng jù zuì
قاتناش ۋاستىلىرىنى بۇزۇش جىنايىتىDقانۇن
pò huài jiāo tōng gōng jù zuì
قاتناش قوراللىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
قاتناش ۋاسىتىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى
بۇ - پويىز، ئاپتوموبىل، ترامۋاي - تراللىبۇس، كېمە - پاراخوت ۋە ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىگە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بۇ خىل قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش، ۋەيران بولۇش خەۋپىگە ئۇچرىتىپ جامائەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - قاتناش - ترانسىپورتنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قاتناش قوراللىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان ياكى قاتناش قوراللىرىنى ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش، ۋەيران بولۇش خەۋپىگە ئۇچراتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
116 - ماددا پويىز، ئاپتوموبىل، ترامۋاي - تراللىبۇس، كېمە - پاراخوتقا ۋە ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، پويىز، ئاپتوموبىل، ترامۋاي - تراللىبۇس، كېمە - پاراخوت ۋە ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىنى ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش، ۋەيران بولۇش خەۋپىگە ئۇچراتقان بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
119 - ماددا 1 - تارماق قاتناش ۋاسىتىلىرى، قاتناش ئەسلىھەرلىرى، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.