Uyghur→ChineseMain Dictionary
خاردېنبېرگ
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
哈登贝赫
hā dēng bèi hè
دۇنيا تارىخى
哈登堡
hā dēng bǎo
(1750 - 1822) پرۇسسىيە باش ۋەزىرى (1810 - 1817). ھاننوۋېردىكى بىر ئاقسۆڭەك كېيىن بولۇپ ھاننوۋېر، بارائوسۋېگ قاتارلىق جايلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1790-يىلى ئانسىباخ - بېيروئېن رايونىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان. ئىككىنچى يىلى مەزكۇر رايوننى بىر ئۆلكە سۈپىتىدە پرۇسسىيىگە قشۇۋەتكەن. 1795-يىلى بۇيرۇققا بىنائەن فىرانسىيە بىلەن <باسېل سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالىغان. 1804-يىلى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان 1806-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى پرۇسسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان، ناپولېئوننىڭ بېسىمى ئاستىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1810-يىلى 7-ئايدا سىتېيندىن كېيىن پۇرسسىيىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە سىتېيننىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنى داۋاملىق يۈرۈزگەن؛ مالىيە پەرمانى ۋە <تەرتىپكە سېلىش پەرمانى>نى ئېلان قىلىپ، يۇنكىرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان؛ يەھۇدىيلار دۆلەتنىڭ پۇقۇراسى دەپ ئېلان قىلغان؛ كېيىن يەنە تەرتىپكە سېلىش پەرمانىنىڭ تولۇقلاش بەلگىلىمىلىرىنى ئېلان قىلغان. سىرتقا قارىتا جانلىق سىياسەت قوللانغان. 1812-يىلى ناپولېئون روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن روسىيە بىلەن بىرلىشىپ، فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، غەلىبە قىلغان. 1814 - 1815 - يىللىرى پرۇسسىيە باش ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋېنا يىغىنىغا قاتنىشىپ اكسونىيىنىڭ بىر قىسمىغا ۋە شۆېتسىيە زېمىنىڭ بىر قىسمىغا ئىگە بولغان. شۇنىڭدەك <مۇقەددەس ئىتتىپاق> نىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقان.