Chinese→UyghurMain Dictionary
李维
دۇنيا تارىخى
لىۋىئۇس
(مىلادىدىن 59 يىل ئىلگىرىدىن مىلادىدىن 17 - يىلغىچە) قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى تارىخشۇناس ۋە ئەدىب. ئىتالىيەنىڭ شىمالىي قسىمىدىكى باداۋىم (ھازىرقى بادۇيا) دا تۇغۈلغان. دەسلەپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، كېيىن ئۇزاق ۋاقىت رىمدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئىمپېراتور ئاۋگۇست بىلەن قويۇق بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى 142 توملۇق <رىم تارىخى> (تولۇق ئاتىلىشى <رىم بىنا بولغاندىن كېيىنكى تارىخى>). بۇنىڭدىن ھازىر ساقلانغىنى 53 توم (1 - تومدىن 10 - تومغىچە، 21 - تومىدىن 45 - تومىغىچە مىلادىدىن ئىلگىرى 218 - 167 - يىلغىچە بولغان ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەن) ھەمدە بىر قىسىم پارچىلاردىن ئىبارەت. ئاپتور بۇ ئەسىرىدە رىم ئىمپېرىيىسىنى ئەتەي ماختىغان. بىراق، بۇرۇنقى جۇمھۇرىيەت سىياسىي تۈزۈمىنمۇ سېغىنغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئاۋگۇستنى <پومپېي تەرەپدارى> دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ ئەسىرىگە كۆپرەك ئەپسانە - رىۋايەتلەر ئارىلاشتۇرۇلغان، يەنە كېلىپ ئەدەبىي ئۇسلۇب بىلەن تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇ تارىخىي پاكىتلارنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ قەدىمكى زامان رىم تارىخىدىكى مۇھىم يازما يادىكارلىقى ۋە قەدىمكى زامان ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.