—Reference
چار بازار
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى
چار بازار _ ھەپتىنىڭ ھەرقايسى كۈنلىرىدە باشقا - باشقا يەرلەردە بولۇپ تۇرىدىغان سودا - سېتىق بازىرىنىڭ نامى. بىر يۇرتتا ھەرقايسى كۈنلەرنىڭ نامى بىلەن بازار بولۇپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ تىجارەت قىلغۇچى «چار بازارچى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئۇلاغ ياكى سەييارە تىجارەت قىلىدۇ.
بازار كۈنى ئايرىم - ئايرىم بەلگىلەنگەن ئورۇنلاردا چارۋا مال بازىرى ( ئاشلىق بازىرى)،گەزمال بازىرى، چەرچىن مال بازىرى، كۆكتات بازىرى، ئاياغ كىيىم بازىرى،باش كىيىم بازىرى، ئوتۇن بازىرى، سامان بازىرى، ياغ بازىرى قاتارلىقلار بولۇشتىن تاشقىرى، يەنە ئاشخانا، ناۋايخانا، قاسساپ دۇكانلىرى بولىدۇ. ئەتراپتىكى دېھقانلار ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان نەرسىلەرنى بازار كۈنى ساتىدۇ ۋە ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ. بەزىلەر سودا - سېتىق ئۈچۈن بازارغا كېلىدۇ. بەزىلەر بولسا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان سامسا، گۆش گىردە، كاۋاپ قاتارلىقلارنى يېيىش ئۈچۈن كېلىدۇ.
چار بازاردا تۇرمۇشقا كېرەكلىك نەسىلەرنىڭ ھەممىسى بولىدۇ. شۇڭا بەزىلەر چاربازار كۈنى يەنە بىر بازار كۈنى بولغۇچى يەتكۈدەك نەرسە - كېرەكلەرنى سېتىۋېلىپ قايتىدۇ.
چار بازار ناھاىيىتى قىزىپ كېىتىدۇ، مەدداھلار ئالاھىدە سۇرۇن تۈزۈپ داستان ۋە جەڭنامىلەرنى سۆزلەپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. بەزىلەر باشقا سورۇن تۈزۈپ قوشقار سوقۇشتۇرىدۇ، توخۇ سوقۇشتۇرىدۇ، يەنە بەزىلەر تېكە ئوينىتىدۇ، دارۋازلار دارغا چىقىدۇ، ۋەھاكازالار. (ئا)