—Reference
يېشىل پاقا
ھايۋاناتلار دۇنياسى
پاقىنىڭ تۈرى كۆپ. كۆپ ئۇچرايدىغان بىر تۈرى قارا داغلىق پاقا بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى8 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ دۈمبە قىسمى يېشىل بولۇپ، قارا داغلىرى بار، قورساق قىسمى قاردەك ئاپئاق، تېرىسى سىلىق، پارقىراق؛ بېشىنىڭ ئۈستى قىسمى كەڭ ياپىلاق، سەل ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك، بېشىنىڭ چوققىسىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە تومپىيىپ چىقىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ يۇمىلاق كۆزى بولىدۇ، كۆرۈش سېزىمى ئۆتكۈر، ئۇچۇۋاتقان ھاشاراتنى تېزدىن بايقىيالايدۇ، لېكىن جىم يېتىپ ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان ھاشاراتقا نىسبەتەن سەزگۈر ئەمەس. بىرەيلەن مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلەپ كۆرگەن: يېشىل پاقىنى سولاپ قويۇپ، ئالدىغا بىر دۆۋە ئۆلۈك چىۋىن قويۇپ قويغان، نەتىجىدە پاقا قاراپمۇ قويماي ئاچ قېلىپ ئۆلگەن.
پاقىنىڭ ئاغزىدا ھەرىكەتلىنەلەيدىغان تىلى بولىدۇ، تىلىنىڭ تۈۋى ئاستىنقى ئېڭەكنىڭ ئۇچىغا جايلىشىدۇ، تىلىنىڭ ئۇچى ئاچىماق بولىدۇ. قۇرت تۇتۇش ۋاقتىدا تىلىنى ئاغزىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆرۈپ چىقىرىپ، قۇرتنى يېپىشتۇرۇۋېلىپ، ئاغزىغا يۆگەپ كىرگۈزىدۇ، كۆپىنچە يۈزدەيۈز نەتىجىلىك بولىدۇ. پاقىنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى دېھقانچىلىققا زىيان سالىدىغان پەرۋانە، پاشا، چىۋىن ۋە شال پىتى قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلار، شۇڭا، زىرائەتلەرنىڭ قوغدىغۇچىسى، دەپ شەرەپلىك نام بېرىلگەن.
يېشىل پاقىنىڭ ئالدى پۇتى قىسقا، ئارقا پۇتى تەرەققىي قىلغان، بارماقلىرى ئارىسىدا ئۈزگۈچى پەردىسى بار، شۇڭا سەكرەشكە ۋە سۇ ئۈزۈشكە ماھىر. چىشى پاقىنىڭ تېنى چوڭ، ھەرىكىتى ئاستا بولىدۇ، ئاۋاز چىقىرىش خالتىسى بولمايدۇ؛ ئەركىكىنىڭ تېنى كىچىك، ئېغىزىنىڭ ئىككى يېنىدا بىر جۈپ سايراش خالتىسى بار بولۇپ، ئاۋازنى چوڭايتىش رولىنى ئوينايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ كۇركىرىغان ئاۋازى ناھايىتى جاراڭلىق بولىدۇ.
پاقا گەرچە ئۆپكىسى بىلەن نەپەسلەنسىمۇ، لېكىن نەم تېرىسى ئارقىلىق ھاۋادىنمۇ ئوكسىگېن قوبۇل قىلالايدۇ. ئۇنىڭ تېرىسىدىكى ھەر خىل پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى تېمپېراتۇرا، نەملىكنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە قاراپ تارقىلالايدۇ ياكى يىغىلالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرىسىنىڭ رەڭگىنىڭ توق - سۇسلۇقىدا ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا، تەجرىبىلىك دېھقانلار پاقىنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ھاۋا ئوچۇق بولىدىغان ياكى يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدۇ.
يېشىل پاقا ئادەتتە شاللىق ئېتىز، كۆلچەك، ئېرىق ياكى دەريا بويلىرىدىكى ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا ياشايدۇ، بەزىدە سۇغىمۇ كىرىۋالىدۇ. ئادەتتە كېچىسى چىقىپ ھاشارات تۇتىدۇ.
جىلىن ئۆلكىسىدىن چىقىدىغان جۇڭگو ئورمان پاقىسىمۇ پاقىلارنىڭ بىر تۈرى. جۇڭگو ئورمان پاقا مېيى بىر خىل قۇۋۋەت دورىسى بولۇپ، مۇشۇ خىل پاقىنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. يېشىل پاقىنىڭ يىراق تۇغقىنى بولغان چار پاقىنىڭ پۈتۈن تېنىدە ھۈررەكلىرى بولىدۇ، ھۈررىكى ئىچىدە ئاق سۇيۇقلۇق بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن چار پاقا شىرنىسى دېگەن دورا ياسىلىدۇ، ئۇنىڭ زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىقنى قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى بار.