UyghurMain Dictionary
توكوگاۋا ئېياسۇ
دۇنيا تارىخى
(1542 - 1616) ياپونىيە ئېدو شوگونلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. مىكاۋا (بۈگۈنكى ئايتى ناھىيىسى) ناھىيىسىدىكى ئوكاساكى شەھىرىنىڭ خوجايىنى ماتسۇخىرا خىروتادا (1526 - 1549) نىڭ چوڭ ئوغلى. 6 ياشتىن 19 ياشقىچە ئوتانوبۇخىدې (1510 - 5511)، ئىماكاۋا يوشىموتو (1519 - 1560) دا بارىمتاي بولۇپ تۇرغان. 1560 - يىلى ئىماكاۋا جەڭدە ئۆلگەندىن كېيىن ئوكاساكىغا قايتقان. 1561 - يىلى ئوتا نوبۇناگا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1566 - يىلى توكاگاۋا دېگەن فامىلىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1568 - يىلى تاكىدا نوبۇيوشى بىلەن بىرلىكتە ئىماكاۋانىڭ سۇيۇرغال زېمىنىنى بۆلۈشۈۋالغان. 1570 - يىلى توتومىغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن،ئۇنى خاماماچى دەپ ئۆزگەرتىۋەتكەن. 1572 -يىلى تاكىدانىڭ قوشۇنىنى خاماماچى شەھىرنىڭ سىرتىدا يوقاتقان. 1582 - يىلى ئوتانوبۇناگا ئۆلگەندىن كېيىن تويوتومى خىدېكىچى بىلەن تىركىشىپ تۇرغان. 1586 - يىلى تويوتومى خىدېكىچىنىڭ سىڭلىسىنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بويسۇنغانلىقىنى بۈلدۈرگەن. 1590 - يىلى كىتاجوئوجىنائو (1562 - 1591) غا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىشنىڭ ئاۋانگارتى بولۇپ، كانتودىكى سەككىز ۋىلايەتنى تىزگىنلەيدىغان چوڭ خوجا بولۇپ قالغان ۋە ئېدودا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1596 - يىلى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1598 - يىلى تويوتومى خىدېكىچى ئۆلگەندىن كېيىن بەش تائىرونىڭ باشلىقى بولغان. 1600 - يىلى سېكىخارا جېڭىدە تويوتومىنىڭ كۈچلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. 1603 - يىلى ئەجنەبىيلەرنى يوقىتىش سىياگۇنى بولۇپ، ئېدودا شوگنات قۇرغان. 1605 - يىلى سىياگۇنلۇق ۋەزىپىنى ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى خىدېتادا (1579 - 1632) غا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، سۇمپۇ شەھىرى (بۈگۈنكى شىزۇئوكا ناھىيىسى) دە خىزمەتتىن چېكىنىپ چىققان. شۇنداق بولسىمۇ مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئىشلارنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى تۇتقان. 1615 - يىلى ئوساكا جېڭىدە تويوتومى خىدېيورى (1593 - 1615) نىيوقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى تىزگىنلىۋالغان. 1616 - يىلى ئەتىيازدا ساراي ۋەزىرى بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن.