UyghurMain Dictionary
ئومۇرا خۇتارۇ
دۇنيا تارىخى
(1855 - 1911). ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. يۈخي ۋاسساللىقى (بۈگۈنكى مىيادزاكى ناھىيىسى) دىكى ۋاسسال ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1871 - يىلى داشۆ نەنشياۋ مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1874 - يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇغان. 1880 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، ئەدلىيە تارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1884 - يىلى تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە كىرگەن. 1893 - يىلى 11 - ئايدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت ئەلچى بولغان. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئۇرۇش تەھدىتى سالغان. <جاۋۇ ئۇرۇشى> (ئات يىلى) پارتلىغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن. 9 - ئايدا تاجاۋۇزچى قوشۇن بىلەن بىرگە ئەندۇڭغا كېلىپ خەلق ئىشلىرى باشلىقى بولغان. 12 - ئايدا تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە قايتىپ مەمۇرىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ جڭگو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئىگىلىۋېلىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسىنى <باكان شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبور قىلغان. 1895 - يىلى 10 - ئايدىن 1896 - يىلى 4 - ئايغىچە كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغاندىن كېيىن 1898 - يىلىدىن 1900 - يىلىغىچە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1900 - يىلى 5 - ئايدا روسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1901 - يىلىنىڭ باشلىرىدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. ئۇ باشقا كۈچلۈك دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى <شىنچيۇ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبور قىلغان. شۇ يىلى 6 - ئايدا ياپونىيىگە قايتىپ، كاتسورا كارو ئىچكى كابىنېتى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1902 - يىلى ياپونىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ھەمدە روسىيىگە قارىتىلغان تاشقى ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1905 - يىلى 7 ـ ئايدا تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل سۈپىتىدە پورتىسموۋوت يىغىنىغا قاتنىشىپ، <ياپونىيە - روسىيە سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، جۇڭگونىڭ كۆپلىگەن ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تارتىۋالغان. 1908 - يىلدىن 1911 - يىلىغىچە 2 - نۆۋەتلىك كاتسورا تارو ئىچكى كابىنېتى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1910 - يىلى 7 - ئايدا ياپونىيە - روسىيىنىڭ ئىككىنچى مەخپىي شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان، 8 - ئايدا چاۋشيەننى يۇتۇۋالغان. 1911 - يىلى <ياپونىيە - ئەنگلىيە ئىتتىپاق شەرتنامىسى> گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، چېگرا بېجى ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغان. شۇ يىلى 8 - ئايدا ئۆز ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.