UyghurMain Dictionary
چال
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ياشانغان، كۆپ ياشىغان ئەر كىشى، بوۋاي، ئاۋۇشقا .
ياشلىقنىڭ نەدە قالغانلىقىنى چال بىلىدۇ ( ماقال ).
ئۆلۈم تەلۋىسىدە چال ئىڭرار ئېغىر،
سەندەل قىرىپ دورا تەييارلار كەمپىر.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
چالماق، چىلىش. چالغۇ ئەسۋالىرىدىن ئۇرۇپ، چېكىپ، پۇۋلەپ، سۈركەپ، بېسىپ رىتىملىك، مۇزىكىلىق ئاۋاز چىقارماق.
ساز چالماق، دۇتار چالماق، نەي چالماق، گارمون چالماق، داپ چالماق.* زاغراڭنى يەپ، ناغراڭنى چال ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
چالماق، چېلىش. سۇغا كۇكۇن، تالقان نەرسىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرماق.
ئۇماچ چالماق.* شىلىم چالماق.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خەندەك، ئورەك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خەندەك، ئورا: چالاب - سۇ ئورىكى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان، قېرىغان، چوڭ ياشلىق كىشى.
قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قېرىنىڭ بىر قىلىقى ئارتۇق. قېرى كىشى بولسا نادان ۋە جاھىل، ئەقىللىق گۆدەكنى ئۇندىن ئەۋزەل بىل. بوۋاينىڭ بىلىدىغىنى كۆپ. چال چامىدىن كەتكەنىكەن، ئاياش كېرەك. ئابۇشقا كلاسسىك ئەدەبىياتتا بىر مۇھىم پېرسوناژ سۈپىتىدە چىقىپ تۇرىدۇ. ب د ت 1 - ئۆكتەبىرنى دۇنيا ياشانغانلار بايرىمى قىلىپ بەلگىلىدى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئالا.
چال قوي _ چال قوي، ئالا قوي.
3 - 214
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ياشانغان ئەر كىشى؛ بوۋاي، مويسىپىت.
چالنى كۆرۈپ، بوۋا دېمە (ماقال).
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۇرماق، تاشلىماق؛ ئەگمەك