—Reference
سۇن ۋۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، گۇسۇ شەھىرى ئىچىدىكى ۋۇ بېگىنىڭ ئوردىسىدىكى سەينادا، سۇن ۋۇ ئىككى ئەترەت كېنىزەكلەرگە ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇۋاتاتتى، ۋۇ بېگى كەي لۇيىنىڭ ئىككى كىچىك خانىشى ئەترەت باشلىقى بولغانىدى. سۇن ۋۇ ھەربىي پەرمان - قائىدىلەرنى ئېنىق تەكىتلەپ، دۇمباق چېلىش ئارقىلىق كېنىزەكلەرگە ئوڭغا بۇرۇلۇش بۇيرۇقىنى بەرگەندە، كېنىزەكلەر قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كېتىدۇ؛ سۇن ۋۇ دۇمباقنى يەنە چېلىپ كېنىزەكلەرگە سولغا بۇرۇلۇشنى بۇيرۇغاندا، كېنىزەكلەر يەنە كۈلۈشۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۇن ۋۇ ئىككى ئەترەت باشلىقىنىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغان ۋۇ بېگى قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ ئامراق خانىشلىرىنىڭ سەۋەنلىكىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئۆتۈنىدۇ. سۇن ۋۇ: «سانغۇن سىرتتا جەڭ قىلغاندا، پادىشاھنىڭ بەزى بۇيرۇق - پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلمىسىمۇ بولىدۇ، دېگەن گەپ بار» دەپ، يەنىلا ۋۇ بېگىنىڭ ئامراق خانىشلىرىنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ. قوشۇن تەرتىپكە سېلىنغاندىن كېيىن، كېنىزەكلەر مەشىقتە ھەربىي قوماندىغا ئىتائەت قىلىدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋۇ بېگى سۇن ۋۇنىڭ ئەسكەرلەرنى ئىشلىتىشكە ماھىر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
سۇن ۋۇ − ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۆتكەن كۆزگە كۆرۈنگەن ھەربىي ئالىم، چى بەگلىكىدىكى يۆئەنلىك (ھازىرقى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇيمىن رايونىدىن) بولۇپ، ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا، چى بەگلىكى تەۋەسىدىكى سانغۇن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ھەربىي سەپ تۈزۈشكە ئۇستا، ئۇرۇش ئىستراتېگىيە - تاكتىكىلىرىنى بەلگىلەشكە ماھىر بولۇپ، «سۇنزىنىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى» ناملىق13 بابلىق كىتابنى يازغان. ۋۇ بېگى كەي لۈي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن چى بەگلىكىدىن ۋۇ بەگلىكىگە كېلىپ، جېلۇدا زاھىتلارچە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ۋۇ بەگلىكىنىڭ ئەتىۋارلىق ۋەزىرى ۋۇز شۈ ۋۇ بېگىگە سۇن ۋۇنى يەتتە قېتىم تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەربىي تالانتىنى ناھايىتى ماختىغان. سۇن ۋۇ ئۆزى يازغان «ھەربىي تەدبىرلەر» ناملىق كىتابنى ئېلىپ ۋۇ بېگىنىڭ ھۇزۇرىغا كۆرۈشكىلى بارغان ھەمدە كىتابنىڭ ھەربىر بابىنى چۈشەندۈرگەن. «ۋۇ ئوردىسى تەلىم ئالغاندىن كېيىن»، ۋۇ بېگى سۇن ۋۇنى سانغۇنلۇققا تەيىنلىگەن.
سۇن ۋۇ بىلەن ۋۇ زىشۇ چۇ بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىللە پىلانلىغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى506 - يىلى، سۇن ۋۇ ھەمدەم بولۇپ30 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ غەربكە قاراپ يۈرۈش قىلىپ، خەنشۇي رايونى ئەتراپىدا چۇ بەگلىكىنىڭ200 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. ئارقىدىنلا، ۋۇ بەگلىكى قوشۇنى قوغلاپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىدىكى بەش قېتىملىق جەڭنىڭ ھەممىسىدە نۇسرەت قازىنىپ، چۇ بەگلىكىنىڭ ئاستانىسى − چېڭدۇ (ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسى جياڭلىڭ رايونىنىڭ شىمالىدا)نى ئىشغال قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ۋۇ بەگلىكى قوشۇنى يەنە ئەيلىڭدا چى بەگلىكى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، جىن بەگلىكىنىڭ زومىگەرلىك ئورنىنى پەيدىنپەي تارتىۋالغان. بۇ بىر قاتار ھەربىي كۈرەشلەردە سۇن ۋۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
سۇن ۋۇ − تالانتلىق ھەربىي نەزەرىيىشۇناس. ئۇنىڭ «سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار تەدبىرلىرى» ناملىق كىتابىدا ھەربىي تەشەببۇسلىرى ۋە ئىستراتېگىيە، تاكتىكا ئىدىيىسى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بايان قىلىنغان. ئۇ ئۇرۇشنىڭ غەلىبىلىك ياكى مەغلۇبىيەتلىك بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى كۈرەشلەرگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، ھەممە جەڭدە غەلىبە قىلغانلىق ناھايىتى ئەقىللىق بولغانلىق ھېسابلانمايدۇ؛ ئۇرۇشمايلا دۈشمەننى تىز پۈكتۈرگەنلەرلا، ئاندىن ئەقىللىقلارنىڭ ئەقىللىقى ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ ئۇرۇشتا دۈشمەن ۋە ئۆز تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، «ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلگەنلەر خەتەرگە يولۇقمايدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار تەدبىرلىرى» يېغىلىق دەۋرىدىلا تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەللەر ئۇنى «دۇنيانىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىدىكى تۇنجى ھەربىي ئىشلار تەدبىرلىرى»، ھەربىيشۇناسلىق جەھەتتىكى قىممەتلىك مىراس دەپ ئاتىغان.