Uyghur→ChineseMain Dictionary
كوشىسې نىزامنامىسى
دۇنيا تارىخى
科息斯条例
kē xī sī tiáo lì
ئوتتۇرا ئەسىردە پولشانىڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامنامىسى. 1374 - يىلى ۋېنگرىيە كورۇلى، قوشۇمچە پولشا كورۇلى لۇئى Ⅰ كوشىسې شەھىرىدە (ھازىرقى چېخوسلوۋاكىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدا) جاكارلىغان. پولشانىڭ كىچىك ئاقسۆڭەكلىرى لۇئىنىڭ قىزىنىڭ پولشا كورۇلىنىڭ ۋارىسى بولۇشىغا قوشۇلغانلىقتىن، لۇئى پولشا كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋە ئۇنى كېڭەيتىشكە ماقۇل بولغان؛ پولشا كىچىك ئاقسۆڭەكلىرى ئازغىنە يەر بېجى تاپشۇرغاندىن باشقا، باج - سېلىقلار كەچۈرۈم قىلىنغان؛ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەندە دۆلەت ئىچىدە بولوش، ئەگەر چەت ئەلگە سەپەرگە چىقىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا ئايرىم ھەق بېرىش؛ ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەل - مەنسەپلىرىنى پەقەت پولشا ئاقسۆڭەكلىرى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. نىزامنامىدە پولشانىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقى چەكلىنىپ، كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۇرمۇشىددىكى تەسىرى كۈچەيتىلگەن.