UyghurMain Dictionary
توڭگۇز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىسقا پۇتلۇق، دۈگىلەك تۇمشۇقلۇق، ئۇزۇن قۇلاق، ئاچا تۇياقلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋان.
چوشقا چوشقىغا ئېيتسا، چوشقا باشقىغا ئېيتار. ئاتىسى ئاتمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى. قارىقۇلاقنىڭ قارنى تويماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. بۇرۇن ۋە ئېغىز تۇمشۇقلىرى ئۇزۇنچاق، كۆزى كىچىك، قۇلىقى چوڭ، پۇتى قىسقا، تېنى سېمىز بولىدۇ؛ تېرىسىدىن خۇرۇم، مويىدىن چوتكا ئىشلىگىلى ۋە سانائەتتە خام ئەشيا قىلغىلى بولىدۇ؛ تېزەكلىرىنى ئوغۇت قىلىشقا بولىدۇ. <چوشقا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
كۆچمە <ئەبلەخ>، <ھايۋان> دېگەن مەنىدىكى تىل - ھاقارەت سۆزى.
شېڭ شىسەي دېگەن توڭگۇز، ھارۋىكەشنى <خور> دەيدۇ. ئاغزىدا دېگەن بىلەن، ئۈچ كۈن تۇرسا، <زو> دەيدۇ.
<ئاستر> مۈچەل يىل ھېسابىدا ئون ئىككىنچى يىلنىڭ نامى.
ئۇنىڭ مۈچىلى توڭگۇز ئىكەن.