English→UyghurMain Dictionary
Banda
دۇنيادىكى مىللەتلەر
باندالار
باندالار ئوتتۇرا ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 8.59 پىرسەنتى (1 مىليون 300 مىڭ) ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە، 5.38 پىرسەنتى (400 مىڭ) زايىردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 1 مىليون 800 مىڭ، ئۇلار ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاھالىسىنىڭ 33 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ بىر قىسمى كونگو (50 مىڭ) ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 900 مىڭدىن كۆپرەك.
باندالار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، لىندا، بادا، مونۇ ۋە ياكرا قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ.
باندالار نىلوت - سەھرا تىللىرى (نېگىر - كوردوفان تىللىرى) سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە سانگا تىلىنىڭ باندا دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى يوق. فىرانسۇز تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
باندالار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، توتېمغا، ئەجدادلىرىغا ھەم تەبىئەت كۈچلىرىگە چوقۇنىدۇ، بىر قىسمى ئىسلام دىنى ياكى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
باندالارنىڭ 85 پىرسەنتى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچلىق بىلەن شۇغۇللىندۇ. دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، شال، باتات، كېۋەز، خاسىڭ قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ، چارۋىچىلىقتا قوي، كالا، چوشقا بېقىلىدۇ.
باندالار ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
باندالاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ ئائىلە تۈزۈمى ئەۋج ئالغان.
باندالار ئادەتتە بېشىغا كوزا ئېلىۋالغان ياغاچ قورچاقنى يېنىدىن ئايرىمايدۇ، ئۇلار بۇ خىل قورچاقنى ئىلاھ ئورنىدا كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئادىتىنى ھېلىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.