Chinese→UyghurMain Dictionary
明治维新
دۇنيا تارىخى
مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى
ⅨⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياپونىيە فېئوداللىق جەمئىيەتتىن كاپىتالىستىك جەمئىيەتكە قەدەم قويغان بۇرژۇئا ئىسلاھات ھەرىكىتى. تېننو مېيقى (موتسۇخىتۇ) تەختتە ئولتۇرغان چاغد يۈز بەرگەچكە، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ياپونىيىدە دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە شەھەر خەلقى قوزغىلىڭى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلىقتا كرىزىس مەيدانغا كەلگەن. 1853-يىلى ئامېرىكا فلوتى ياپونىيىگە كېلىپ، ئىككىنچى يىلى تۇكۇگاۋا شوگناتىنى پورتلارنى ئېچىپ بېرىش شەرتامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان، ئەنگلىيە، روسىيە، ەوللاندىيە، فرانسىيە قاتارلى دۆلەتلەرمۇ قائىدە بويىچە، ياپونىيە بىلەن ئارقا - ئارقىدىن شۇنداق شەرتنامىلەرنى ئىمزالىغان، شوگناتىنىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ چۈشۈپ كەتكەن. ساتسۇما، ناگاسۇ، توسا، خىزېن قاتارلىق ۋاسساللىقلاردىكى تۆۋەن دەرىجىلىك سامورايلار پادىشاھنى ئىززەتلەپ ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. ساتسۇما، ناگاسۇدىن ئىبارەت ئىككى ۋاسساللىق 1863، 1864-يىللىرى ئارقا - ئارقىدىن چەت ئەل بىلەن ئۇرۇش قىلغاندىن كېيىن، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش شوئارىنى شوگناتنى ئاغۇدۇشقا ئۆزەەرتكەن. 1866-يىلى 2-ئايدا ساتسۇماۋاسساللىقى بىلەن ناگاسۇ ۋاسساللىقى شوگناتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىتتىپاقىنى تۈزگەن. 1867-يىلى 11-ئايدا تېننو مۇتسۇخىتۇ شوگانتقا جازا يۈرۈشى قىلىش ھەققىدە مەخپىي يارلىق چۈشۈرگەن. سىياگون تۇكۇگاۋا ئېسنوبو يالغاندىن ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان، نەتىجىدە تەلەپ تەستىقلانغان. 1868-يىلى 1-ئايدا تېننو مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شوگناتلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش توغرىسىدا يارلىق ئېلان قىلغان. شوگنات تەرەپدارلىرى ئارمىيىسى كيوتوغا ھۇجۇم قىلىغا. توبا ۋە فوشىمى جېڭىدە شوگناتنى ئاغدۇرغۇچى ۋاسساللارنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى شوگنات ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 4-ئايدا تېننو <بەش ماددىلىق قەسەمنامە> نى ئېلان قىلغان. 5-ئايدا تېننو <بەش ماددىلىق قەسەمنامە> نى ئېلان قىلغان، 5-ئايدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئېدو (9-ئايدا توكيوغا ئۆزگەرتىلگەن) غا كىرەەن. 10-ئاينىڭ 23-كۈنى يىلنامىنى مېيجىغا ئۆزگەرتكەن. 1869-يىلى 6-ئايدا خوككايدو ئرىلىدىكى گوريوكاكۇ جېڭىدىن كېيىنك شوگناتنىڭ قالدۇرق كۈچلىرى تەسلىم بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت تىنچىتىلغان. 7-ئايدا ھەرقايسى ۋاسساللارنىڭ زېمىن بىلەن ئاھالىنى قايتۇرۇپ بېرىشىگە ئىجازەت بېرىلگەن.1871-يىلى ۋاسسال بىكار قىلىنىپ ناھىيە قۇرۇلۇپ، فېئودال خوجىلىق تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىلگەن. 1872-يىلى يەرلەرنى ئېلىپ - سېتىشقا يول قويۇپ، يەر خېتى تارقىتىپ، پومېشچىكلار سىنىپىنى قانۇنىي ئورۇنغا ئىگە قىلغان. 1873-يىلى يەر بېجى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئىپتىدائىي جۇغلانما جۇغلاش زورلۇق بىلەن يولغا قويۇلغان. 1874-يىلدىن كېيىن ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ ئەۋج ئالغان. لېكىن كۆپ قېتىم باستۇرۇلغان. شۇ يىلى ئەسكەر ئەۋەتىپ جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئارىلىغا ھۇجۇم قىلغان، ئىككىنچى يىلى چاۋشيەندە كانخۇيا ئارىلى ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان. 1877-يىلى كاگوسىما ئارىلىدىكى سامورايلار توپىلىڭىنى تىنچىتقان. 1881-يىلى ھۆكۈمەت باشقۇرغان كارخانىلارنى ئىمتىيازلىق سودىگەرلەرگە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىپ، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بەرگەن. 1885-يىلى ئىننو خىروبۇمى باشچىلىقىدا ئىكىچ كابىنېت تەشكىل قىلغان. 1889-يىلى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ، يېقىنقى زامان تېننو تۈزۈمىنى ئورناتقان. ياپونىيە <دۆلەتنى بېيىتىش، ئارمىيىنى كۈچەيتىش، مەھسۇلاتنى كۆپەيتىپ ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش> شوئارى ئاستىدا كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان، لېكىن ئۇ كۈچلۈك فېئودللىق خاراكتېر ۋە تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولغان. 1871-يىلدىن باشلاپ شەرتنامە تۈزۈشكەن ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تەڭسىز شەرتنامىنىڭ ماددىلىرىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم تەلەپ قويغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى ئانچە چوڭ بولمىغان. ئىسلاھاتنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا، ئۈزۈل - كېسىل بولمىغان بۇرژۇئا ئىنقىلابى دېگۈچىلەرمۇ بار