UyghurMain Dictionary
بۆرەك قاپقا ۋېناسى
بىئولوگىيە
سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر ئىككىلا ئۇچى كاپىلليار قان تومۇرلىرىغا تۇتاشقان بىر تال ۋىنا تومۇرىدۇر. بۇ ۋېنا تومۇرى بەدەننىڭ ئاستى تەرىپىدىكى سان (يوتا) ۋېناسى، يانپاش ۋېناسى قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، بۆرەككە تۇتىشىپ كىرگەندىن كېيىن قايتىدىن كاپىلليار قان تومۇرلارغا بۆلۈنىدۇ، يەنە قايتىدىن قوشۇلۇپ، بۆرەك ۋېناسىنى شەكىللەندۈرۈپ قاننى يۈرەككە توشۇپ بارىدۇ. بۆرەك قاپقا ۋېناسى ئەڭ ئاۋۋال بېلىقلار ۋە قوش ماكانلىقلاردا كۆرۈلگەن. يەر باغىرلىغۇچىلارغا كەلگەندە رۇدىمېنتلىشىشقا باشلاپ سۈت ئەمگۈچىلەرگە كەلگەندە بولسا پۈتۈنلەي يوقالغان بولىدۇ.