UyghurMain Dictionary
ھېكمەت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
مۆجىزە؛ بىلىمدانلىق؛ دانىشمەنلىك؛ تەدبىر، سەۋەب.
مەسىلەن: « ھېكمەتلىك سۆزلەر » توپلىمىنى ئالساق، دانىشمەنلەرچە ئېيتىلغان ھېكمىتى چوڭقۇر، كىشلەرنى چارە _ تەدبىرگە ئىگە قىلىدىغان، بىلىمنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرىدىن توپلانغان تەجرىبىلەرنى ئوقۇيمىز.
ھېكمەتلىك سۆز بەزىدە ئەقىلىيە سۆزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭقۇر مەنىلىك، سىرلىق سۆز - ئىبارىلەر.
ئاز يېمەك ساقلىققا، ئاز دېمەك ھېكىمەتكە باغلىق. جاھان باشتىن ئاياغ ھېكمەتقۇ ھېكمەت، نېمىشقا غەپلەت بىزگە بولۇپتۇ قىسمەت. سەمىمىيلىك ئەقلىيە سۆزىنىڭ بىرىنچى بابى. قاينام ئۆركىشىنىڭ ئەسەرلىرىدە چوڭقۇر مەنىلىك ئافورىزملار بار، <بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى> بىر مىسال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھەددىدىن زىيادە دانالىق، دانىشمەنلىك، ئەقىل - ئىدراك .
ۋەتەن ئىشقى بولۇپ دەرمان ئىلىم - پەندىن گۆھەر تاپتى، دىلىمغا سالدى ئۇستازىم ئۆمۈر مەناسى ھېكمەتنى .
بىلىش، چۈشىنىش قىيىن بولغان يوشۇرۇن ، چوڭقۇر مەنە، يۇشۇرۇن سىر ؛ مۆجىزە .
ئۇرۇش سەنئىتى توغرىسىدىكى كىتابلاردا، بىرى جەڭ، توققۇزى رەڭ دېگەن ھېكمەت بار . شۇ ھېكمەت بويىچە ئىش قىلىمىز. ئەرلەرنىڭ ئىسىمى .