Lughet
DictionaryUyghurچىڭگىلىك
UyghurChineseMain Dictionary

چىڭگىلىك

ئۆسۈملۈك 鹅绒藤 é róng téngDباغۋەنچىلىك 常春藤 cháng chūn téngDباغۋەنچىلىك 爬山虎 pá shān hǔDئورمانچىلىق 爬巴虎 pá bā hǔDئورمانچىلىق 萝摩 luó móDئۇنىۋېرسال 刺瓜 cì guāDتېببىي 白前 bái qián ئۇنىۋېرسال (ئى) niú pí xiāo 〈zhí 〉 牛皮消〈植〉 شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى 牛皮消 niú pí xiāo بۇ چىڭگىلىك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يۆگىشىپ ئۆسىدىغان سامان غوللۇق، چىڭگىلىككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆسۈملۈك تېنىدە ئاق سۈت بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن بولۇپ، ئوقيا ئۇچىغا ئوخشايدۇ، يوپۇرماق يۈزى يېشىل، ئارقىسى سۇس يېشىل كېلىدۇ، ئۇزۇن سېپى بولىدۇ؛ ئۆگزىسىمان گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسكەن بولۇپ، رەڭگى ئاقۇچ جىگەر رەڭ كېلىدۇ. غۇنچە شەكىللىك مېۋىسى ئۇزۇن مۈڭگۈزگە ئوخشايدۇ، پىشقاندىن كېيىن ئۇزۇنىسىغا يېرىلىدۇ، ئۇرۇقى خورما رەڭلىك، ياپىلاق، ئۇچىدا نۇرغۇن ئاق ئۇزۇن تۈكلىرى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى ياز ۋە كۈزدە كولىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈزلەڭلىكلەر، تاغ باغرى ۋە چاتقال ئارىلىرىدا ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. ھۆللۈكنى تارقىتىش، سۇيۇقلۇقنى راۋان قىلىش، يەل ھەيدەش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى چىڭگىلىك يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك يۈرەك ياللۇغى ۋە سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى چىڭگىلىك يىلتىزىنى تەڭ مىقداردىكى زىرە بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 50 گرام چىڭگىلىك يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، ئاق خۇن كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 70 گرام چىڭگىلىك يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ يەر - جاي نامى كەنت (يەكەن ناھىيىسى) 青格力克村 qīng gé lì kè cūn شىنجاڭنىڭ يەر - جاي نامى كەنت (گۇما ناھىيىسى) 青格里克村 qīng gé lǐ kè cūn شىنجاڭنىڭ يەر - جاي نامى جاي نامى (بۈگۈر ناھىيىسى) 青格勒克 qīng gé lè kè شىنجاڭنىڭ يەر - جاي نامى مەھەللە (قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى) 青格里克买里斯 qīng gé lǐ kè mǎi lǐ sī
Rate this entry

Same word in other sources

چىڭگىلىكUyghurEnglishGetWord CorpusچىڭگىلىكUyghurChineseGetWord CorpusچىڭگىلىكUyghurEnglishMain DictionaryچىڭگىلىكReferenceچىڭگىلىكUyghurMain Dictionary

Related words

چوڭ چىڭگىلىكUyghurChineseكۆك چىڭگىلىكUyghurChineseئاق چىڭگىلىكUyghurChineseسۆسۈن چىڭگىلىكUyghurChineseچىڭگىلUyghurChineseچىڭگىلUyghurChinese
← Search