Uyghur→ChineseMain Dictionary
توكوگاۋا يوشىنوبۇ
دۇنيا تارىخى
德川庆喜
dé chuān qìng xǐ
(1837 - 1913) ياپونىيە توكوگاۋا شوگونلۇقىنىڭ 15 - ئەۋلاد سىياگۇنى. مىتو ۋاسسال بېگى توكوگاۋا نارىئوكىنىڭ 7 - ئوغلى. بالىلىق دەۋرىدىكى ئىسمى شىچىرو مارو ياكى ئاكىنو. 1847 - يىلى(خۇڭخۇانىڭ 4 - يىلى) خاشى فامىلىلىك بىر ئائىلىگە بالا قىلىپ بەرگەندىن كېيىن ئىسمىنى يوشىنوبۇ دەپ ئاتىۋالغان. 1853 - يىلى پېررى كېمىلەرنى باشلاپ ياپونىيىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ پورتنى ئېچىپبېرىش تەلىپىنى رەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ چاغدا سىياگۇن توكوگاۋا ئېسادا (1824 - 1858) نىڭ بالىسى يوق بولغاچقا، جىيىن ۋاسسال بېگى توكوگاۋا بىلەن بىرگە سىياگۇن نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. 1858 - يىلى ئىناۋنا ئوسوكې تايىرو بولغاندىن كېكنى سىياگۇن بولۇشنى بەلگىلىگەن ۋە كېيىنكى <تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاش> قا بۇيرۇغان. تايىروئىناۋ ئۆلگەندىن كېيىن 1860 - يىل 9 - ئايدا جازا ئېلىپ تاشلانغان. 1862 - يىل (ۋىنجۇنىڭ 2 - يىلى) 7 - ئايدا سىياگۇن ياردەمچىسى بولغان. 1867 - يىلى 1 - ئايدا توكوگاۋا ئېموچى (1866 - يىلى 8 - ئايدا ئۆلگەن)دىن كېيىن سىياگۇن بولغان. 1868 - يىل 1 -ئاينىڭ 3 - كۈنى يېڭىلىققا كۆچۈش تەرەپدارلىرى پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئوساكاغاقېچىپ بېرىپ، قورال كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولغان. توبا، فوشىمى ئۇرۇشىدايېڭىلىپ قالغان. 1868 - يىلى 2 - ئايدا ئېدوغا قايتىپ بارغان. 3 - ئايدا ئۇئېنودىكىكۇەنيۇڭ ئىبادەتخانىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان. 5 - ئايدائېدونى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولغان. دەسلەپتە مىتودا ئولتۇراقلىشىپ، ئاندىن 1869 - يىلى شىزۇئوكاغا كۆچۈپ كەتكەن. 1902 - يىلى كىنەزلىك ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان.