UyghurMain Dictionary
سايە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سايە، كۆلۈڭگە:
گۈلشەنۇ گۈلبەرگى ساقى، سايەئى بەرگى كەدۇ،
بىل غەنىمەت گەر ئېرۇر ئەترافىدا كەنارەلەر.
ئەرشى.
2. قايدىن تاپقان ھەيات سەدمايەسىنى،
ھەق ئەيلەدى قىسقە ئۆمرىن سايەسىنى.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنىڭ كۈن نۇرىنى توسۇۋالغاندىن كېيىن يەردە ياكى باشقا جىسىمدا كۆرۈنگەن شەكلى، قارىسى.
ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۆزى ئۈركۈپتۇ. ئۆزىنىڭ سايىسىگە ئۆزى مۇشت ئېتىپتۇ. دوستلۇق قۇياشنىڭ كۆلەڭگىسى، كۈن ئوچۇق چاغدىلا چىقىدۇ. كۈنگەيدە ھەراھ بولىدۇ، تەسكەيدە يوشۇرۇنىدۇ، ئۇ نېمە؟ (سايە - كۆلەڭگە).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كۈن نۇرى چۈشمىگەن سالقىن جاي.
ۋىژىلداپ كۆيدۈرۈپ كېتىپتۇ ئاپتاپ، يا بىرەر سايىمۇ يوق ئىكەن شۇ تاپ.
يورۇقلۇقنى، كۈن نۇرىنى توسقان نەرسىنىڭ كۆلەڭگۈسى.
ئەگرىنىڭ سايىسىمۇ ئەگرى (ماقال).
كۆچمە. شەپە، ئەسەر، ئالامەت.
ئانىنىڭ چىرايىدىن قانداقتۇر بىر ئەندىشنىڭ سايىسى ئەگىپ يۈرگەندەك قىلاتتى.
كۆچمە. غۇۋا كۆرۈنۈش.
خىياللىرىم كەتتى ئۇزاققا، كۆز ئالدىمدا دەھشەتلىك سايە.
كۆچمە. ھىمايە، پاناھ؛ مەدەت، ياردەم.
- جېنىم ئۇكام،- دەپتۇ ئۇلار،- سېنىڭ سايەڭدە بىزمۇ مال - چارۋىلىق بولۇپ قالغان بولساق؟