UyghurMain Dictionary
توپان
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تىرىپ
شال توپىنى.* بۇغداي توپىنى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان زور تاشقىن، پۈتۈن دۇنيانى باسقان سەل.
توپان سۈيى.* توپان بالاسى.* ئالەمنى توپان باسسا، ئۆردەككە نېمە غەم ( ماقال ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق ھۆل - يېغىندىن ياكى قار ئېرىشتىن ھاسىل بولغان كۈچلۈك سۇ ئېقىمى.
تەۋرىگەن ئەلدىن قورق، يامرىغان سەلدىن قورق. قىيان ئۈنسىز ئۇرۇش، تىلسىز جەڭ. تاشقىن كېتەر، تاش قالار. چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسىدا تامچىمۇ تاشقىن. كەلكۈندە لاي سۇ ئىچەرسەن. كەلكۈن سۇ _ يىرتقۇچ ھايۋان. جاھاننى توپان باسسا، ئۆردەككە نېمە غەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دېھقانچىلىق
بۇغداي، شال، تېرىق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ خاماندا دېنى ئايرىۋېلىنغاندىن كېيىن قېلىپ قالغان غول، يوپۇرماقلىرىنىڭ توپىدەك بولۇپ كەتكەن ئۇۋاقلىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىنىي رىۋايەتلەردە ئېيتىلىدىغان نۆھ پەيغەمبەر زامانىسىدىكى ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيانى باسقان سۇ تاشقىنى.
كۆچمە. كۈچلۈك دولقۇن، تاشقىن، ئېقىن.
قالدى بىر قامغاق كەبى بوران ئارا، يا قېيىقسىز بەندىدەك توپان ئارا.
كۆچمە. زور بالايىئاپەت.
قانچە توپانلار، بورانلار ئۇچرىدى، ئەمما باش ئەگمىدۇق.