Uyghur→ChineseMain Dictionary
لى گۇاڭجۇ
دۇنيا تارىخى
李光洙
lǐ guāng zhū
(1892 - 1954) چاۋشيەن ھازىرقى زامان يازغۇچىسى. تەخەللۇسى چۈن يۇەن، پيوڭئانپوكدو ۋىلايىتى دىڭجۇ ئايمىقىدىن. 1915 - يىلى ياپونىيە ۋاسېدا ئونىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئوقۇغان، ئۆگىنىشنى تۈگەتمەيلا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. 1917 - يىلى <رەھىمسىزلىك> ناملىق رومانىنى يېزىپ شۆھرەت قازانغان. 1919 - يىلى جۇڭگو شاڭخەيگە قېچىپ كېلىپ <كورىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى> نىڭ ئورگان گېزىتى <مۇستەقىللىك خەۋىرى> نىڭ باشلىقى، قوشۇمچە باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1921 - يىلى چاۋشيەنگە قايتىپ كەتكەن. 1922 - يىلى <مىللىي ئىسلاھات نەزەرىيىسى> ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنى يوققا چىقارغان. 1923 - يىلى < شەرقىي ئاسىيا گېزىتى> تەھرىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1933 - يىلى <چاۋشيەن گېىزى> ئىدارىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1939 - يىلى ياپون جاھانگىرلىكىگە ياللانغان تەشكىلات چاۋشيەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1940 - يىلى ياپونىيە چاۋشيەنلىكلەرنى ئىسىم فامىلىسىنى ياپونچە قوللىنىشنى مەجبور قىلغاندا، باشلامچىلىق بىلەن فامىلىسىنى كاكۇ ياماتىروۋغا ئۆزگەرتىۋالغان. 1941 - يىلى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، چاۋشيەن ياشلىرىنى ئېزىقتۇرۇپ، ياپونىيە ئارمىيىسىدە خىزمەت ئۆتەشكە كۈشكۈرتكەن. 1945 - يىلى چاۋشيەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، چاۋشيەن مىلىتىگە قارشى چىققانلىقتىن جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ <باشلامچى>، <ئارىساللىق>، قايتا تىرىلىش<، >لى شيۇەنچىن< قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.