Chinese→UyghurMain Dictionary
壬午兵变
دۇنيا تارىخى
رېنۋۇ يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشى
1882-يىلى سىئولدىكى كونىچە ئارمىيە ئەسكەرلىرى قوزغىغان ھەربىي ئۆزگىرىش. چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىچە ۋە كونىچە ئارمىيىگە بېرىدىغان تەمىناتىدا پەرق ناھايىتى چوڭ بولغان. كونىچە ئارمىيىنىڭ تەمىناتى 13 ئايغىچە تارقىتىلىمىغان. شۇڭلاشقا كونىچە ئارمىيە ئەسكەرلىرى 1882-يىل 7-ئاينىڭ 32-كۈنى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، يىجىن مەھكىمىسى، پايتەخت نازارەت مەھكىمىسى ۋە ياپونىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، يېڭىچە ئارمىىدىكى ياپونىيىلىك تەلىم - تەربىيە ئوفىتسېرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، خان ئوردىسنى قورشىۋالغان. يېڭى ارمىيىنىڭ قوماندانى مىن چيەنگاۋنى ۋە پايتەخت نازارەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جىڭ فۇشۇەننى ئۆلتۈرگەن. ياپونىيە ئەلچىسى ئەلچىخانىغا ئوت قويۇپ بېرىپ، ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. ئۇزاقتىن بۇيان قولايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان كونسېرۋاتىپلارنىڭ كاتتىبېشى - گۈللىنىش زورراغاسىنىڭ ئاقساقىلى قايتىدىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ھەربىي ئۆزگىرىش تىنچىشقا باشلىغان. شۇ يىلى 8-ئايدا، ياپونىيە ئەلچىسى خانافۇسايوشتادا قايتىدىن ھەربىي پاراخوتنى باشلاپ چاۋشيەنگە كېلىپ، چاۋشيەننى <جىۋۇپۇ شەرتنامىسى> ۋە <چاۋشيەن - ياپونىيە يارىشىپ قېلىش كېلىشىمىنىڭ داۋامى> نى تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان.