UyghurMain Dictionary
رەممال
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پالچى، قۇم. تاش بىلەن پال ئاچقۇچى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پالچى، ئىرقچى، تۈرلۈك سىزىقلارنى سىزىپ غايىپتىن خەۋەر بەرگۈچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پال، رەم، تۆلگە ئاچىدىغان كىشى.
پالچى پالچىغا پال ئاچقۇزماس. ئوغرى ئالالمىغاننى رەممال ئالىدۇ. شەيتاننىڭ ئىشىدىن رەممال قىزغىنىدۇ. رەمچى ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغان كۈنىنى بىلمەس. تۆلگىچى قوي تۆللىگەندە ئەدەپ كېتىدۇ. قۇرئەنداز قۇرئى ئاچسا، كۆزى ئالاق - جالاق بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
« رەمچى»گە قاراڭ.
خالىق <باخشى>، <رەممال> دېگەن بىر نېمىلەرگە ئەسلا ئىشەنمەيتتى.