Uyghur→EnglishMain Dictionary
ئالبانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
Albanians
ئالبانلار ئالبانىيە ۋە ماكېدونىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 5 مىليون 940 مىڭ، ئۇلارنىڭ 3.57 پىرسەنتى ئالبانىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 3 مىليون 177 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 97 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. 36 پىرسەنتى (1 مىليون 900 مىڭى) ماكېدونىيە، گېرىتسېگوۋىنادا ئولتۇراقلاشقان، قالغان قىسمى گرېتسىيە، بۇلغارىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، مىسىر، رۇمىنىيە، ئامېرىكا، كانادا، ئارگېنتىنا قاتارلىق ئەللەردىمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئالبانلار ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى ئاھالىسىنىڭ 21 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىپ، بۇ جۇمھۇرىيەتتە ماكېدونلاردىن قالسا ئىككىنچى چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ.
ئالبانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ دىمارىك (بالقان) تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىل ئالبان تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئالبان تىلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمال ئىككى خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
ئالبانلارنىڭ 80 پىرسەنتى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى پراۋۇسلاۋىيە ۋە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئالبانلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاساسەن كۆممىقوناق، بۇغداي، شال، قىزىلچا، كېۋەز، تاماكا ۋە مېۋە - چېۋە قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا بىلەن قوي باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.
ئالبانلارنىڭ ئەجدادلىرى بالقان يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى قەدىمكى ئېللىرىيلار بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردىن مىلادى Ⅳ ئەسىرگىچە رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان، كېيىن ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم ئېمپېرىيىسى) ۋە گوتلار، ھونلار، بۇلغارلار، نورمانلار، سېربلار، ۋېنىتسىيىلىكلەر ۋە تۈركلەر قاتارلىق يات مىللەتلەر بېسىپ كىرگەن. ئېللىرىيلار ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەكىبىنى قوبۇ قىلىپ، چەتتىن كەلگەن يات مىللەتلەرنىڭ زۇلمىغا قارشى كۈرەش قىلىش داۋامىدا پەيدىنپەي بىرلىشىپ، ئاخىرى Ⅺ[KG-*2]Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخرىدا ئالبان مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن.
ئالبانلار بولكا، گۈرۈچ تامىقى، ياڭيۇ قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، تاغلىق جايدىكىلىرى قوناق ئۇنى غىزاسى بىلەن سۈت ۋە گۆشنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ.
ئالبانلار ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرىنى مىللەتنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ، ئۇنى ئەتىۋارلاپ ساقلايدۇ. ئالبانلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا كەڭ يەڭلىك ئاق كۆڭلەك، سارتىغا جىلىتكە كېيىپ، بېلىنى قىزىل بەلباغ بىلەن باغلىۋالىدۇ؛ بېشىغا ئاق قالپاق كېيىدۇ؛ ئاياللىرى ئۇچىسىغا كەشتىلەنگەن ئۆرە ياقىلىق ئۇزۇن كۆڭلەك ياكى دولقۇنسىمان يوپكا، پۇتىغا ئاق كېگىز پايپاق كېيىدۇ، بېشىغا رەڭلىك ياغلىق ئارتىۋالىدۇ. ئالبان ئاياللىرىنىڭ كىيىم - كېچەك ۋە زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىغا قاراپ، ياتلىق بولغان - بولمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئالبانلاردا ئاياللار گىرىم قىلىپ، ئۈزۈك تاقىۋالىدۇ. قىزلىرى گىرىم قىلمايدۇ، ئۈزۈكمۇ تاقىمايدۇ.
ئالبانلار توي - تۆكۈن ئىشلىرىنى چوڭ ئىش قاتارىدا قارايدۇ، ئادەتتە چاي ئىچۈرۈپ، توي مەرىكىسى ئۆتكۈزىدۇ، توي مەرىكىسى كۆپ ھاللاردا كۈز پەسلىنىڭ پەيشەنبە، جۈمە كۈنلىرىنى تاللاپ ئۆتكۈزىلىدۇ.
ئالبانلارنىڭ ئەنئەنىۋى توي مۇراسىمى ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمايدۇ، ئالبانىيىنىڭ بەزى رايونلىرىدا، يىگىت قىزنى كۆچۈرۈشكە بارغاندا، قېيتئاتىسى ياكى قىزنىڭ ئەر تۇغقانلىرى بىلەن بىر مەيدان كۈچ سىنىشىدۇ. يىگىت ئۇلارنى يېڭەلىسە، قىزنى ئېلىپ كېتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ھەمدە ئايالىنى قوغداش، ئاسراش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. قىز تەرەپمۇ كۈيئوغۇلدىن خاتىرجەم بولغان بولىدۇ.
ئالبانلار قەيسەر، جاسارەتلىك، كەڭ قورساق، قولى ئوچۇق، مېھماندوسىت كېلىدۇ. مېھماندىن ھېچنىمىسىنى ئايىمايدۇ. ئۆيگە مېھمان كەلگەندە، ئۆينىڭ چوڭى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى مېھماننىڭ ئالدىغا باشلاپ چىقىپ كۈتىۋالىدۇ. ساھىپخان مېھماندىن ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن، قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئىككى مەڭزىگە سۆيۈپ قويىدۇ. مېھمانغا ئاۋۋال قوي قۇيرۇقى ياكى بېشىنى كەلتۈرىدۇ، ئاندىن قەھۋە، ھاراق بىلەن كۈتىۋالىدۇ.
ئالبانلاردا قارىغا ئېلىش، چېلىشىش، ئات بەيگىسى بىر قەدەر ئومۇملاشقان.
ئالبانلار تاغ بۈركۈتىنى مىللەتنىڭ سىمۋولىدەپ قاراپ، ئۆزلىرىنى <سىگپتاللار> (تاغ بۈركۈتى ئوغلانلىرى مەنىسىدە)، دۆلىتىنى <تاغ بۈركۈتى مەملىكىتى> دەپ ئاتايدۇ.