Uyghur→ChineseMain Dictionary
قولقاناتلىقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
翼手目
yìshǒumù
ئۇچىدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار. بەدىنى كىچىك، ئالدى پۇتى قاناتقا ئايلانغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئالدى پۇتىدا ئالاھىدە ئۇزارغان بارماق سۆڭەكلىرى بولىدۇ. بارماق سۆڭىكىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىن پوزا سۆڭىكى، بەدىنىنىڭ يان تەرىپى، كەينى پۇتى ھەم قۇيرۇق ئارىلىقىغىچە ئۆسكەن نېپىز ھەم يۇمشاق - پۇختا قانات پەردىسى بولۇپ، شۇنىڭغا تايىنىپ ئۇچالايدۇ. ئالدى پۇتىنىڭ بىرىنچى ياكى بىرىنچى ھەم ئىككىنچى بارماق ئۇچىدا تىرنىقى بولىدۇ. كەينى پۇتى قىسقا بولۇپ، ئۇزۇن ھەم ئىلمەك تىرنىقى بولىدۇ. ئېسىلىپ تۇرۇشقا ماسلاشقان. تۆش سۆڭىكىدە تاج ئۆسۈكچىسى (كۆكرەك قىرلىقى) بولىدۇ. ئوقۇرەك سۆڭىكى، كۆكرەك مۇسكۇلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇلار ئالاھىدە ھەرىكەت ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك. چىشلىرى ئۆتكۈر بولۇپ، ھاشارات يېيىشكە (ئاز ساندىكى تۈرلىرى مېۋە يەيدۇ) ماسلاشقان. كېچىسى ھەرىكەتلىنىدۇ. بۇ ئەترەتنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئىككى كەنجى ئەترەتكە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ چوڭ شەپەرەڭلەر كەنجى ئەترىتى، مېۋىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇ باغۋەنچىلىككە زىيانلىق، شەرقىي يېرىم شاردىكى تروپىك بەلباغ ۋە سۇپتروپىك بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان، مەسىلەن، تۈلكە باش شەپەرەڭ (پىتېروپۇس)، ئىتباش شەپەرەڭ (مەملىكىتىمىزدە پەقەت ئالدىنقىسىلا بار) قاتارلىقلار؛ كىچىك شەپەرەڭلەر كەنجى ئەترىتى؛ ئادەتتە ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. شەرقىي - غەربىي يېرىم شارلارنىڭ تروپىك، مۆتىدىل بەلباغ رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان، مەسىلەن، رىنولوفۇس (گۈلباش شەپەرەڭ)، گىپپوسىدېروس (تۇياق تۇمشۇقلۇق شەپەرەڭ)، چوڭ قۇلاقلىق شەپەرەڭ قاتارلىقلار. شەپەرەڭلەرنىڭ گەندىسىنى ئوغۇت قىلىشقا بولىدۇ ھەمدە شەپەرەڭلەر ھايۋانلارنىڭ نىشان بەلگىلىشى، ئورۇن بەلگىلىشى ھەم ئۈچەككە كىرىشىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
翼手目
yì shǒu mù