—Reference
ۋاسكېتبول
تەنتەربىيە تۈرلىرى
ۋاسكېتبول ھەرىكىتى1891 - يىلى باشلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ئوقۇتقۇچىسى نېيىشمىس ئىجاد قىلغان. شۇ يىلى قىشتا نېيىشمىس سوغۇق كۈنلەردىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللاندۇرۇش مەقسىتىدە، ئىككى سېۋەتنى بەدەن چېنىقتۇرۇش زالىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامغا مىخلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، سېۋەتكە توپ تاشلاتقۇزغان ھەمدە چۈشۈرگەن توپنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بويىچە يېڭىش - يېڭىلىشنى بەلگىلىگەن. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئويۇن قىزغىن قارشى ئېلىنىپ، بىرقانچە ئۆزگەرتىشلەردىن كېيىن دۇنيادا كەڭ تارقالغان ۋە ۋاسكېتبول ھەرىكىتىگە ئايلانغان.
ۋاسكېتبول ھەرىكىتى پەيدا بولغان چاغدا مۇسابىقە قائىدىسى بولمىغان. مەيدانغا چىقىدىغان ئادەم سانىمۇ چەكلەنمىگەن، ۋاقىتتىمۇ كونكرېت بەلگىلىمە بولمىغان. پەقەتلا قايسى تەرەپ بەلگىلەنگەن نومۇرغا ئاۋۋال يەتكەن بولسا شۇ تەرەپ غەلىبە قىلغان.1892 - يىلى توپ تالىشىشتىكى قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى چەكلەش ئۈچۈن،13 ماددىلىق ئاددىي قائىدە تۈزۈلگەن. كېيىنكى بىر ئەسىر ئىچىدە15 قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىسىدا، بۈگۈنكى ۋاسكېتبول قائىدىسى شەكىللەنگەن.1896
- يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ۋاسكېتبول ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى قىلىنغان.1932 - يىلى خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى قۇرۇلغان. نۆۋەتتە بۇ ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىگە150 تىن ئارتۇق دۆلەت ئەزا بولدى. ستاتىستىكىلاشقا ئاساسلانغاندا،154 دۆلەت ۋە رايوندا تەخمىنەن140 مىليون ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى بار ئىكەن.
بۈگۈنكى دۇنيادا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرى ۋاسكېتبول ھەرىكىتىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېلىمىز ئەرلەر كوماندىسىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە توققۇزىنچى بولغانلىقى. ئاياللار كوماندىسى1992 - يىلى بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.
ئۆسمۈر - بالىلار ئارىسىدا ۋاسكېتبول ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئېلىمىز50 - يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بىر قىسىم شەھەرلەردە كىچىك ۋاسكېتبول ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. كىچىك ۋاسكېتبولنىڭ مەيدانى، توپى، گار چەمبىرى چوڭلارنىڭكىدىن كىچىك، يەڭگىل، پاكار بولىدۇ. كىچىك ۋاسكېتبول1948 - يىلىدىن باشلاپ خەلقئارادا گۈللەنگەن. ھازىر مۇناسىپ تۈردىكى مۇسابىقە قائىدىسى ۋە دۇنياۋى مۇسابىقىلىرى بار.