UyghurMain Dictionary
راي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈل خالىغانلىق تۇيغۇسى.
بالىنىڭ خاھىشىغا قويۇپ بەرسەڭ، ئاخىر ئوچىقىڭنى ئۆرەر. مەيلىڭ بولسا مەيخانا، چىلىم بولسا سەيخانا. قانۇن ھامان شاھنىڭ رايىغا باقار. خەلقنىڭ رايى _ ھەقىقەتنىڭ ئۆزى. بۇ ئىشقا ھېچ رايىم يوق.
دۇنيا تارىخى
(1772 - 1833) ھىندىستانلىق دىن ئىسلاھاتچىسى، ئالىم. بېنگالدىكى براخمان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا پاتنا ئالىي ئىسلام مەكتىپىدە ئوقۇغان، سانسكرىت يېزىقى، بائال يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، پارىس يېزىقى، ئىنگلىز يېزىقى ۋە گېرك يېزىقلىرىغا كامىل. جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونىنى ساياھەت قىلغان. 1814-يىلدىن ئىلگىرى ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ باج ئەمەلدارى بولغان، خىزمىتىدىن چېكىنگەندىن كېيىن ئىجتىمائىي پائالىيەت ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1817-يىلى ھازىرقى زامان تىپىدىكى تۇنجى مەكتەپ <ھىندىستان ئىنستىتۇتى> نى تەسىس قىلغان. 1821-يىلى بېنگال تىلىدا ھىندىستان تۇنجى ھەپتىلىك گېزىتى <تولۇن ئاي گېزىتى> نى نەشر قىلدۇرغان، ئىككىنچى يىلى پارىس تىلىدا <ئەينەك گېزىتى> نى نەشر قىلدۇرغان. 1828-يىلى براخمى جەمئىيىتىنى قۇرغان. ئىككى يىلدىن كېيىن ئەنگلىيىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ ۋارنا تۈزۈمى ۋە تۇل قالغان خوتۇننى قوشۇپ دەپنە قىلىش، بىر ئەر كۆپ خوتۇن ئېلىش ۋە بالىلىق چېغىدا نىكاھلاندۇرۇپ قويۇش ئادەتلىرىگە قارشى تۇرغان. مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. ئەڭ دەسلەپتە بېنگال تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ھازىرقى زامان بىنگال نەسرىي ئەسەرلىرىنىڭ پىرى> دەپ ئاتالغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <بىر دىن تارقاتقۇچى بىلەن ئېتىقادىنى ئۆزگەرتكەن ئۈچ جۇڭگولۇقنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى>، <تۆت سوئالغا جاۋاب>، <بېنگال تىلى گرامماتىكىسى> قاتارلىقلار بار.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <پىكىر> دېگەنلىك بولۇپ، <شەخسنىڭ پىكىرى>، <چوڭقۇر ئويلىنىلغان پىكىر> ياكى <مۇۋاپىق پىكرى> كۆزدە تۇتۇلۇپ، دەسلەپكى چاغلاردىكى فىقھە مەنبەلىرىنىڭ بىرى قىلىنغان. يەنە بىر تەرەپتىن، <قۇرئان كەرىم> دە ۋە ھەدىستە ئەمەل قىلىدىغان ئاساس تېپىلمىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە فىقھلەر ياكى شەرىئەتنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئاساس قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي، ئەدلىيە ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن شۇنداق قىلىش بارلىققا كەلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆلىمالار دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە ھەق تەلەپ دەۋالىرى كۈنسايىن مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. خەلىپىلەر ئۈلگە قىلىدىغان مىسال تاپالمىغاندا، شەخسنىڭ پىكرىنى ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلدى. كېيىن بۇنى دەسلەپكى چاغلاردىكى فەقىھلەر قوللاندى. Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فەقىھلەر كەڭ تەتبىق قىلىپ، بۇنىڭدىن چىقىرىلغان يەكۈننى <راي (پىكىر) ھۆكۈمى> دەپ ئاتىدى. Ⅸ ئەسىردىن كېيىن ئىمام شافىئىي قىياسنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئەقلىي يەكۈن چىقىرىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، راينىڭ ئورنىنى قىياس تەدرىجىي ئىگىلىدى. لېكىن، بۇ ئۇسۇل بەزى ئەھلى فىقھەلەر ئارىسىدا ئىستىھسان، ئىستىسلاھ شەكلى بىلەن ساقلىنىپ، قوشۇمچە ئۇسۇل ئەل فىقھە قىلىندى. فىقھە تارىخىدا ئىدراك پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان <راي> نى قوللاش - قوللىماسلىقنى چۆرىدەپ، قاتتىق مۇنازىرىلەر بولدى. سۈننىي مەزھىپىدە ھەدىسچىلەرگە ئوخشىمايدىغان ئەھلى رايلار بىلەن قۇرئان، ھەدىس ئەھكاملىرىنى تەڭ ساقلاپ قالىدىغان <راي ئەھكاملىرى> پەيدا بولدى. يېقىنقى زاماندىن كېيىن فەقىھلەر <ئىجتىھاد ئىشىكى> نى ئېچىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، <مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش> نى تەكىتلەپ، <راي ھۆكۈمى> نى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، فىقھەنىڭ ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلدى.